يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

زاۋۇتتىكى مەھسۇلاتلار، ۋە زاۋۇتقا تەييارلىغان خام ماتىرياللارغىمۇ زاكات پەرز بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

    مېنىڭ سوپۇن ئىشلەپ چىقىرىش زاۋۇتۇم بار، زاۋۇت مەبلىغىنىڭ قۇرۇلمىسى:

   1-تۇراقلىق مۈلۈك، بۇ زاۋۇت بىناسى زېمىن، سايمان، زاۋۇت قۇرۇلمىسى ۋە ماشىنا قاتارلىقلار.

   2-مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇلمىغان ئامباردىكى خام ماتېرىياللار.

   3-بازارغا سېلىشقا تەييار بولغان پىششىق مەھسۇلاتلار.

   4-ئايلىنىۋاتقان مەبلەغ.

    مېنىڭ سوئالىم: بۇ زاۋۇتنىڭ زاكىتى قانداق بولىدۇ؟، بۇنىڭغا تەپسىلى ئېنىق چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     بىرىنچى: زېمىندىن چىققان مەھسۇلات، چارۋىلار، تىجارەت ماللىرىدا زاكات پەرز بولغاندەك، ئالتۇن، كۈمۈش ۋە نەق پۇللارغىمۇ زاكات پەرز بولىدۇ. زېمىن، زېمىندىكى بىنا، تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرى قاتارلىقلار سېتىش ئۈچۈن تەييارلانمىغان بولسا بۇنىڭغا زاكات پەرز بولمايدۇ.

شۇنىڭغا ئاساسەن، ئىنسان ئىگە بولغان زېمىن، زېمىندىكى بىنا، ماشىنا، قۇرۇلۇش سايمانلىرى، زاۋۇت قۇرۇلمىلىرىدىن ئىبارەت تۇراقلىق مۈلۈككە زاكات پەرز بولمايدۇ.

    بازارغا سېلىشقا تەييار بولغان مەھسۇلاتلارغا شۇنىڭدەك ئامباردىكى خام ماتېرىياللارغا زاكات پەرز بولىدۇ، چۈنكى ئۇ نەرسىلەر ئىشلەپ چىقىرىپ تىجارەت قىلىش مەقسىتى بىلەن سېتىۋېلىنغان، ئۇنىڭغا زاكات بېرىشنىڭ سۈپىتى: ئىشلەپ چىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا باھا بېكىتىلىدۇ شۇنىڭدەك خام ماددىلارغىمۇ يىل توشقاندىكى بازار باھاسى بويۇنچە باھا بېكىتىلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ قىممەت بويۇنچە 2.5% تىن زاكات ئايرىلىدۇ. 

    ئىككىنچى: شۇنىڭدەك ئوتتۇرىدا سەرپ قىلىنىۋاتقان سەرمايىگىمۇ زاكات پەرز بولىدۇ، يىل توشقاندا ئۇنىڭ مىقدارىغا قاراپ زاكات ئايرىلىدۇ، ئۇنىڭدىن 2.5% تىن زاكات ئايرىلىدۇ.

    شۇنىڭدەك، باشقىلاردىن ئالىدىغان قەرز بولسا، قەرزدارلار قەرزنى ئېتىراپ قىلىپ، تىنىۋالماستىن، سوزىۋەتمەستىن بېرىدىغان بولسا ئۇنىڭغىمۇ يىل توشقاندا زاكات پەرز بولىدۇ.

     ئەگەر سىزنىڭ ئۈستىڭىزدە قەرز بولسا، ئۇنى ئىگىسىگە ئۆتىمىگەن بولسىڭىز، كۈچلۈك قاراشتا بۇنىڭ زاكاتقا تەسىرى بولمايدۇ بۇنى زاكات ئايرىيدىغان مالدىن چېقىرۋەتمەستىن ھەممە ماللىرىڭىزغا زاكات بېرىسىز. 

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى