جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ۋەخپە قىلغان نەرسىدىن يېنىۋېلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

   بىر كىشى ساق ۋاقىتىدا كەڭرىي بىر زېمىننى قەبرىستانلىق بولۇش ئۈچۈن ۋەقپە قىلدى، لېكىن ھازىرغىچە ئۇ يەرگە بىر كىشىمۇ دەپنە قىلىنمىدى، ئۇ كىشى ئۈچۈن تۇرىدىغانغا مۇشۇ ۋەخپە قىلغان زېمىندىن باشقا زېمىن يوق، ئۇ كىشى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بۇ ۋەقپىنىڭ ھەممىسىدىن ياكى بەزىسىدىن يېنىۋېلىشى توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    زېمىندىن ۋەخپە قىلغان نەرسىنىڭ ھەممىسىدىن ياكى بەزىسىدىن يېنىۋېلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ نەرسە ۋەخپە قىلغۇچىنىڭ مۇلكىيىتىدىن ۋەخپە قىلىش بىلەن چېقىپ كەتكەن بولىدۇ، لېكىن ۋەخپىنى نېمە ئۈچۈن قىلغان بولسا، شۇ جەھەتتىن پايدىلانسا بولىدۇ، ئەگەر ۋەخپە قىلىغان تەرەپ ئۇ جايغا ۋاپات بولغانلارنى دەپنە قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولسا، شۇ شەكىلدە پايدىلانسا بولىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، ئۇ ئورۇننى سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىنى باشقا تەرەپتىكى قەبرىستانلىققا سەرپ قىلسا بولىدۇ، بۇنى شۇ ئورۇن ۋەخپە قىلىنغان تەرەپتىكى قازىنىڭ خەۋەردار بولىشى بىلەن سەرپ قىلىش كېرەك، سىزنىڭ دەم ئىلىشقا چىققاندىن كېيىن ئەھۋالىڭىزنىڭ ياخشى بولماسلىقى سىزگە ۋەخپىدىن يېنىۋېلىشنى دۇرۇس قىلىپ بەرمەيدۇ، ئاللاھ تائالا سىزگە كۆپ ئەجىر بېرىدۇ، سىز سەرپ قىلغان نەرسىنىڭ ئورنىغا كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلىدۇ. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى. "ئىسلام پەتىۋالىرى" 3-توم 23-بەت.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى