سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

روزىدار كىشى قايسى ۋاقىتتا ئېغىز ئاجىدۇ؟

سۇئال

كۈن پاتقاندىن كېيىنلا ئېغىز ئىچىش ياخشىمۇ ياكى ئاسماندىكى يورۇقلۇق پۈتۈنلەي ئاخىرلاشقىچە ساقلاپ ئاندىن ئىپتار قىلغان ياخشىمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ئىپتارنى ئۆز ۋاقتىدا قىلىش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدىن بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ كۈن پاتقاندىن كېيىنلا ئىپتار قىلىشتۇر. ئىپتارنى ئاسماندىن يورۇقلۇق ئاخىرلىشىپ يۇلتۇزلار كۆرۈنگەنگە قەدەر كېچىكتۈرۈش بولسا يەھۇدىيلارنىڭ ئادىتى بولۇپ راپىزىلار بۇنىڭغا ئەگىشىدۇ، ئىپتارنى قەستەن بەك كېچىكتۈرۈش ۋە ئەزان ئاخىرلاشقىچە كېچىكتۈرۈشمۇ توغرا بولمايدۇ، بۇنداق ئىشلارنىڭ ھېچ بىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىگە توغرا كەلمەيدۇ.

  سەھل ئىبنى سەئەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىپتارنى ئۆز ۋاقتىدا ئالدىراپ قىلغان كىشىلەر دائىم ياخشىلىقتا بولىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 1856-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1098-ھەدىس].

   ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس كۈننىڭ پاتقانلىقى ئېنىق بولغاندىن كېيىنلا ئىپتار قىلىشقا ئالدىراشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، بۇنىڭ مەنىسى: ئۈممەتنىڭ ئىشى تەرتىپ-ئىنتىزاملىق بولۇپ، ئۇلار مۇشۇ سۈننەتكە ئەمەل قىلىدىكەن دائىم ياخشىلىقتا بولىدۇ، ئەگەر ئىپتارنى ۋاقتىدا قىلىشنى كېچىكتۈرىدىكەن، بۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈز بېرىدىغان بۇزۇقچىلىقنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ. ["مۇسلىمنىڭ شەرھىسى"7-توم 208-بەت].

   ئىبنى ئەبى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىر سەپەردە بىرگە بولغان ئىدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام روزا تۇتقان بولۇپ كەچ بولغاندا بىر كىشىگە: ئۇلاغدىن چۈشۈپ ئىپتارلىق دەستۇرخان تەييارلىغىن دېگەن ئىدى، ئۇ كىشى: بىر ئاز كۈتكەن بولساق، بەكرەك كەچ بولسا دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇلاغدىن چۈشكىن، ماڭا ئىپتارلىق تەييار قىلغىن، بۇ تەرەپتىن كەچ كىرگەنلىكىنى كۆرسەڭ بۇ ۋاقىتتا روزا تۇتقۇچى ئىپتار قىلىدۇ، دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى1857-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1101-ھەدىس].

   ئەبى ئەتىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مەن مەسرۇق بىلەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا كىرىپ: "ئى مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى! پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئىككى كىشى بولۇپ، بىرى ئىپتارنى ئۆز ۋاقتىدا قىلىدۇ ۋە نامازنىمۇ ۋاقتىدا ئوقۇيدۇ، يەنە بىرى بولسا ئىپتارنى كېيىنرەك قىلىدۇ ۋە نامازنى سەل كىچىكتۈرۈپ ئوقۇيدۇ دېگەن ئىدۇق، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسى ئىپتارنى ۋاقتىدا قىلىپ، نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇيدۇ؟ دېگەن ئىدى، بىز: ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد شۇنداق قىلىدۇ دېسەك، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ شۇنداق قىلاتتى دېدى". [مۇسلىم رىۋايىتى 1099-ھەدىس].

     ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى: مۇشۇ زاماندا پەيدا بولغان بىدئەتلەردىن، تاڭ يورۇشتىن يىگىرمە مىنۇت بۇرۇن ئىككىنچى ئەزان ئوقۇش، روزا تۇتقۇچىنىڭ يېمەك-ئىچمەكتىن چەكلىنىشىگە بەلگە قىلىش ئۈچۈن چىراقنى ئۆچۈرۈۋېتىش قاتارلىق ئىشلارنى پەيدا قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئۆز قارىشىدا بۇنى ئىبادەتتە ئېھتىيات قىلىش دەپ قارىغان ئىدى، بۇنى مەلۇم كىشىلەر شۇنداق قىلغان. بۇ ئىش ئۇلارنى كۈن ئولتۇرۇپ تولۇق قاراڭغۇ چۈشكەندە ئەزان ئوقۇيدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۈننەتكە خىلاپلىق قىلىپ ئىپتار ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ قىلىپ، سوھۇرلۇقنى بۇرۇن يېيىشكە ئادەتلەنگەن، شۇ سەۋەپتىن ئۇلار ئارىسىدا ياخشىلىق ئاز ۋە بۇزۇقچىلىق كۆپ بولۇپ كەتكەن، بىزگە ئاللاھ ياردەم بەرگەي". ["پەتھۇل بارى"4-توم 199-بەت"].

    ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى