جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئاينى كۆرۈش ئۈچۈن ئاسترونومىيە ھېسابى بىلەن ئەمەس بەلكى ئاينى كۈزىتىش ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىش توغرا بولىدۇ

سۇئال

ئاي چېقىپ ئوتتۇز سائەت بولۇشتىن ئىلگىرى ئاينى كۆز بىلەن كۆرۈش مۇمكىن بولمايدۇ، بۇنىڭدىن سىرت بەزى ۋاقىتتا ھاۋا تۇتۇق بولغانلىق سەۋەبتىنمۇ ئاينى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ، مۇشۇنداق ۋاقىتتا، رامىزان ئېيىنىڭ باشلىنىشى ۋە يېڭى ئاينىڭ چىققانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئاسترونومىيە ئىلمىنى ئىشلىتىشكە تايانساق توغرا بولامدۇ؟ياكى رامىزان روزىسىنى باشلاش ئۈچۈن چوقۇم يېڭى ئاينى كۆز بىلەن كۆرۈش كېرەكمۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

رامىزان ئېيىنىڭ ياكى روزا ھېيت ئېيىنىڭ كىرگەنلىكىنى ئىسپاتلاشتا، ئاي كۆرۈش ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلانسا توغرا بولىدۇ ئەمما ئاسترونومىيە ئىلمىگە تايىنىۋېلىش توغرا بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سەھىھ ھەدىسلىرىدە رامىزان روزىسىنىڭ باشلىنىشىدا رامىزان ئېيىنىڭ كىرگەنلىكى ۋە ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن رامىزان ئېيىنى كۆرۈش، ئېغىز ئېچىش، ھېيت قىلىش ۋە جامائەتنىڭ ھېيت نامىزى ئوقۇشى ئۈچۈن شەۋۋال ئېيىنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرۈشنى يولغا قويدى، ئاسترونومىيە ئىلمىگە تايىنىشنى يولغا قويمىدى، ئاينى ھەج پائالىيىتى ۋە كىشىلەرنىڭ ۋاقىتنى ھىسابلاش ئۈچۈن ئالامەت قىلدى، مۇسۇلمان كىشى ئۈچۈن رامىزان روزىسىنى، ھېيت كۈنلىرىنى، ھەج پائالىيەتلىرىنى، خاتا ئادەم ئۆلتۈرگەننىڭ ۋە زىھارنىڭ كاپارىتى ئۈچۈن روزا تۇتۇش ۋاقىتنى ھىسابلاش قاتارلىق ئىبادەتلەردە ئاي كۆرۈشتىن باشقا نەرسىلەر بىلەن ۋاقىت بېكىتىشى توغرا بولمايدۇ. فَمَن شَهِدَ مِنكُمُ الشَّهْرَ فَلْيَصُمْهُ تەرجىمىسى: سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن. [سۈرە بەقەرە 185-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَسْأَلُونَكَ عَنِ الْأَهِلَّةِ ۖ قُلْ هِيَ مَوَاقِيتُ لِلنَّاسِ وَالْحَجِّ (ئى مۇھەممەد!) سەندىن يېڭى چىققان ئاي (يەنى ئاينىڭ كىچىك چىقىپ چوڭىيىدىغانلىقى، ئاندىن كىچىكلەيدىغانلىقى) توغرۇلۇق سورىشىدۇ، (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، ئۇ كىشىلەرنىڭ (تىرىكچىلىك، سودا - سېتىق، مۇئامىلە، روزا تۇتۇش، ئېغىز ئېچىش قاتارلىق) ئىشلارنىڭ ۋە ھەجنىڭ ۋاقىتلىرىنى ھېسابلىشى ئۈچۈندۇر. سۈرە بەقەرە 189-ئايەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئاينى كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار ۋە ئاينى كۆرۈپ ئېغىز ئېچىڭلار،ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ قالسا شەبان ئېيىنى ئوتتۇز كۈن تولۇقلاڭلار، شۇنىڭ ئۈچۈن ھاۋا ئوچۇق كۈنلەردە ئاينى كۆز بىلەن كۆرۈش كېرەك بولىدۇ، ھاۋا تۇتۇق بولغان كۈنلەردە بولسا شەبان ئېيىنى ئوتتۇز كۈن تولۇقلاش كېرەك بولىدۇ. "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 10-توم 100-بەتتە: بۇ ھۆكۈمگە باشقا خوشنا يۇرتلاردا ئاي كۆرۈلگەنلىكى ئىسپاتلانمىغاندا ئەمەل قىلىنىدۇ، ئەمما باشقا خوشنا يۇرتتا شەرئى پرىنسىپ بويىچە ئاي كۆرۈلگەنلىكى ئىسپاتلانسا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە، ئۇلارنىڭ شۇ يۇرت ئەھلى بىلەن بىرلىكتە روزا تۇتۇشى كېرەك بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد