شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

قازا روزا ئۈچۈن پىديە بېرىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

   بىر خانىم رامزاننىڭ قازا روزىسى ۋە يېمەك بېرىش توغرىسىدا سورايدۇ، قازا روزىنى تۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەر كۈنلۈك ئۈچۈن ئايرىم يېمەكلىك بېرىمەنمۇ ياكى ھەممە كۈننىڭ سانى بويۇنچە بىر قېتىم يېمەك بەرسەم بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     بۇ يىللىق رامىزان روزىىسىنىڭ قازاسىنى قىلىپ بولغىچە ئىككىنچى يىلدىكى رامىزان كېرىپ قالغان بولسا، قازا روزىنى كېچىكتۈرۈش كېسەللىك، ھامىلدارلىق، بالا ئېمىتىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن بولغان بولسا، ئۇ خانىمغا پەقەت روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا نەرسە كېرەك بولمايدۇ.

    روزىنىڭ قازاسىنى سەۋەبسىز كېچىكتۈرگەن بولسا، گۇناھكار بولىدۇ، قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ، كېچىكتۈرگەنلىككە پىديە بېرىش كېرەك بولامدۇ ياكى بولمامدۇ؟ دېگەن مەسىلە توغرىسىدا ئالىملار ئارىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار بار، كۆپچىلىك ئالىملار پىديە بېرىش كېرەك بولىدۇ دەپ قارايدۇ. پىديە دېگەن؛ بىر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە يېمەك بېرىدۇ، بىز بۇنىڭ تەپسىلاتىنى 26865- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلدۇق. بۇ مەسىلىدىكى كۈچلۈك قاراشتا پىديە ۋاجىپ بولمايدۇ، لېكىن ئېھتىيات يۈزىسىدىن پىديە بېرىۋەتسە ياخشى بولىدۇ.

     پىديە بېرىدۇ دېگەن ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە، ئىككىنچى رامزاننىڭ ۋاقتى كېرىش بىلەن پىديە ئۇ كىشىنىڭ زىممىسىگە چۈشىدۇ، ئۇ كىشىگە پىديەنى ئادا قىلىش كېرەك بولىدۇ، پىديەنى روزىنىڭ قازاسى بىلەن بىرگە بەرسىمۇ بولىدۇ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن پىديىنى بېرىشكە ئالدىرىسا ياخشى بولىدۇ.

   "پىقھى توپلاملىرى" 28-توم 76-بەتتە مۇنداق كەلگەن: رامزاننىڭ قازاسىنى قىلىش كېچىكتۈرۈش بىلەن بولىدۇ لېكىن كۆپچىلىك ئالىملار كېچىكتۈرۈشنى قازاسىنى ئادا قىلىدىغان ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋەتمەسلىككە يەنى يەنە بىر رامزانغا قالدۇرماسلىققا ئالاقىدار قىلغان. بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «مەن ئۈستۈمدىكى رامىزاننىڭ قازا روزىسىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمىتى بىلەن بولۇپ ئادا قىلالمايتتىم، پەقەت شەبان ئېيىدا ئادا قىلىشقا پۇرسەت بولاتتى» دېگەن.

    بۇمۇ بىرىنچى نامازنى ئادا قىلىشنى ئىككىنچى نامازنىڭ ۋاقتى كىرگۈچە كېچىكتۈرمەسلىككە ئوخشايدۇ.

    كۆپچىلىك ئالىملار رامزاننىڭ قازا روزىسىنى ئۈزۈرسىز يەنە بىر رامزانغا كېچىكتۈرسە گۇناھكار بولىدۇ. يۇقىرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىسكە كۆرە، ئەگەر كېچىكتۈرسە پىديە كېلىدۇ. ھەر بىر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە يېمەك بېرىدۇ دەيدۇ، بۇ توغرىدا ئىبنى ئابباس، ئىبنى ئۆمەر ۋە ئەبۇ ھۈرەيرە قاتارلىق سەھابىلاردىن (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇلار مۇنداق دېگەن: «ئۈستىدە قازا روزىسى تۇرۇپ يەنە بىر رامىزانغىچە ئادا قىلمىغان كىشىگە روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن بىرگە ھەر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە يېمەك بېرىش كېرەك بولىدۇ». بۇ پىديە قازا روزىنى كېچىكتۈرگەنلىك ئۈچۈندۇر، يېمەكنى قازاسىنى قىلىشتىن ئىلگىرى بەرسىمۇ، كېيىن بەرسىمۇ  ياكى قازاسىنى قىلىش بىلەن بىرگە بەرسىمۇ بولىدۇ".

    ھەنبەلىي مەزھىپىدىكى مىرداۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كاپارەتتە دۇرۇس بولىدىغان نەرسىنى يېمەك قىلىپ بېرىدۇ، يېمەكنى قازاسىنى قىلىشتىن ئىلگىرى بەرسىمۇ، كېيىن بەرسىمۇ  ياكى قازاسىنى قىلىش بىلەن بىرگە بەرسىمۇ بولىدۇ.

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ: بىزنىڭ قارىشىمىزدا؛ ياخشىلىققا ئالدىرغانلىق، كېچىكتۈرۈشنىڭ ئاقىۋىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يېمەكلىكىنى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشتىن بۇرۇن بەرسە ياخشى بولىدۇ دەيدۇ".["ئەل ئىنساپ" 3-توم 333-بەت].

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى