جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

جۈمە كۈنى بامدات نامىزىدا سەجدە سۈرىسى بىلەن ئىنسان سۈرىسىنى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا

سۇئال

   ھەر جۈمە كۈنى بامدات نامىزىدا سەجدە سۈرىسى بىلەن ئىنسان سۈرىسىنى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ياخشى بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     جۈمە كۈنى بامدات نامىزىدا سەجدە سۈرىسى بىلەن ئىنسان سۈرىسىنى ئوقۇش يوللۇق بولۇپ، ھەر جۈمە كۈنى بۇ سۈرىلەرنى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ، لېكىن بىلمىگەن كىشىلەرنىڭ ھەر جۈمە بامدات نامىزىدا سەجدە سۈرىسى بىلەن ئىنسان سۈرىسىنى ئوقۇمىسا بولمايدىكەن دەپ ئويلاپ قىلىشىدىن ئەنسىرسە، ئۇ ۋاقىتتا بەزى جۈمە كۈنلىرى ئۇ سۈرىلەرنى ئوقۇماي ئورنىغا باشقا سۈرىلەرنى ئوقۇش ياخشى بولىدۇ . [سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى. ئىسلامى پەتىۋالار 1-توم417-بەت].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى