جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

يولدىشىم تۆرەلمىنى چۈشۈرىۋەتمىسەڭ تالاق قىلىۋېتىمەن دەپ تەھدىت سېلىۋاتىدۇ

119858

تارقاتقان ۋاقىت : 05-09-2010

كۆرگۈچىلەر : 12662

سۇئال

سوئال: مەن توي قىلغان، ئىككى پەرزەنتىم بار، يولدىشىمنىڭ تەلىپى بويۇنچە ئېھتىيات قىلىپ ھامىلدار بولماسلىققا تىرىشقان بولساممۇ لېكىن ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بويۇمدا قالدى. تۆرەلمە ئۈچ ھەپتىلىك بولغاندا يولدىشىمغا ئېيتسام، ئۇ ئاچچىقلىنىپ تۆرەلمىنى دەرھال چۈشۈرىۋەتمىسەڭ سىنى تالاق قىلىۋېتىمەن دەپ ئاچچىقلاپ كەتتى، سىلەرنىڭ بۇ ھەقتە ماڭا مەسلىھەت بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

جاۋاب:
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.
بىز بۇ ھەقتە ئىلگىرىكى سوئاللاردا جاۋاپ بەرگىنىمىزدەك، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆز قارىشى بىلەن جاۋاب بىرىمىز.
بەزى ئۆلىمالار تۆرەلمىنى قىرىق كۈنلۈك بولۇشتىن ئىلگىرى چۈشۈرۈۋەتسە دۇرۇس بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بەزى ئۆلىمالار ھامىلە بولۇش سەۋەبلىك مەلۇم قىيىنچىلىققا دۈچ كىلىدىغان بولسا جايىز بولىدۇ دەپ قارايدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى چوڭ ئۆلىمالار بۇ مەسىلىدە تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل كۆز قاراشتا:
بىرىنچى كۆز قاراش: قاتتىق قىيىنچىلىق ۋە شەرئى دەلىل بولمىغان ئەھۋالدا ھەر قانداق ۋەزىيەت ئاستىدا تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىش دۇرۇس ئەمەس.
ئىككىنچى كۆز قاراش: مەلۇم قىيىنچىلىق ۋە زۆرۈر بولغاندا تۆرەلمىنى قىرىق كۈنلۈك بولۇشتىن ئىلگىرى چۈشۈرۈۋەتسە دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما ھازىرقى پەرزەنتلىرىمىز يېتەرلىك، ئىقتىسادى قىيىنچىلىققا ئۇچرايمىز، تەربىيەلەشكە راسخوت يېتىشمەيدۇ دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن چۈشۈرۈۋېتىش جايىز ئەمەس.
يولدىشىڭىز چۈشۈرىۋەتمىسەڭ تالاق قىلىۋېتىمەن دەپ چىڭ تۇرۇۋالغان بولسا تۆرەلمىنى قىرىق كۈنلۈك بولۇشتىن ئىلگىرى چۈشۈرىۋەتسڭىز سىز ئۈچۈن گۇناھ بولمايدۇ. شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان دەلىللەردە تۆرەلمىنى چۈشۈرىۋىتىشنىڭ دەلىل ئىسپاتلىرىنى تولۇق سۆزلىدۇق، لېكىن چۈشۈرىۋەتمىسە بولمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا قىرىق كۈنلۈك بولۇشتىن ئىلگىرى بولسا بولىدۇ. توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۇچىدۇر



مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى