جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

ئەزان ئوقۇلىۋاتقاندا مەسچىتكە كىرسەم، مەسچىت ھەققى نامىزىنى ئادا قىلىمەنمۇ ياكى مۇئەززىنگە ئەگىشىپ ئەزاننى تەكرارلايمەنمۇ؟

سۇئال

    ئەزان ئوقۇۋاتقاندا مەسچىتكە كىرسەم، تەھىييەتىل مەسچىت نامىزىنى ئادا قىلىمەنمۇ ياكى ئۆرە تۇرۇپ  مۇئەززىنگە ئەگىشىپ ئەزاننى تەكرارلاپ ئاندىن تەھىييەتۇل مەسچىت نامىزى ئوقۇيمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    مۇئەززىنگە ئەگىشىش ۋە تەھىيەتۇل مەسچىت نامىزى ئوقۇشتىن ئىبارەت ئىككى ئىبادەتنى بىرگە ئادا قىلىش ئۈچۈن مۇئەززىنگە ئەگىشىپ ئەزاننى تەكرارلاپ ئاندىن تەھىيەتۇل مەسچىت نامىزىنى ئادا قىلىش كېرەك.

    ئەگەر جۈمە كۈنى بولۇپ قالسا، خۇتبە تىڭشاش ئۈچۈن ئەزان ئوقۇلۇپ بولغىچە ساقلىماستىن تەھىيەتۇل مەسچىت نامىزىنى ئادا قىلىش كېرەك، چۈنكى خۇتبە تىڭشاش مۇئەززىنگە ئەگىشىشتىن ئەۋلادۇر.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: مەسچىتكە كىرگەندە مۇئەززىن ئەزان ئوقۇۋاتقان بولسا، تەھىيەتۇل مەسچىت نامىزىنى ئادا قىلىمەنمۇ ياكى مۇئەززىنگە ئەگىشىمەنمۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "بۇنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈش كېرەك، ئەگەر سىز مەسچىتكە كىرگەندە مۇئەززىن جۈمە كۈنىدە ئىمام خۇتبىگە چېقىشتىن بۇرۇنقى ئەزاننى ئوقۇۋاتقان بولسا، بۇ ۋاقىتتا سىزنى تەھىييەتۇل مەسچىت نامىزىنى ئادا قىلىشقا ئالدىراڭ ئەزاننىڭ تامام بولىشىنى كۈتمەڭ دەيمىز، سىزنىڭ خۇتبە تىڭشاش ئۈچۈن ھازىر بولىشىڭىز ۋاجىپ، مۇئەززىنگە ئەگىشىشىڭىز ۋاجىپ ئەمەس. 

    ئەمما جۈمە نامىزىدىن باشقا نامازلارغا ئەزان ئوقۇۋاتقان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا سىز مەسچىتتە ئۆرە تۇرۇپ مۇئەززىنگە ئەگىشىپ ئەزاننى تەكرارلاپ ئەزاندىن كېيىنكى مۇنۇ دۇئانى ئوقۇپ: ئى ئاللاھ! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا رەھمەت-سالام يوللىغىن، ئى مۇشۇ تولۇق دەۋەتنىڭ، ئادا قىلىنماقچى بولغان نامازنىڭ ساھىبى بولغان ئاللاھ! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا يۈكسەك پەزىلەت ئاتا قىلغىن، سەن ۋەدە قىلغان ئالى ماقامغا يەتكۈزگىن، سەن ھەقىقەتەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن"، بۇ دۇئادىن كېيىن تەھىييەتۇل مەسچىت نامىزىنى ئادا قىلىڭ". ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالىرى" 14-توم 295-بەت].

   ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى