جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

سودا قىلىش جەريانىدا ھەدىيە بېرىش قانداق ۋاقىتتا رىشۋەت بەرگەنلىك بولىدۇ ۋە قانداق ۋاقىتتا ئۇنداق بولمايدۇ؟

سۇئال

   مەن مال يەتكۈزۈش شىركىتىدىن بىرىدە بوغالتىرلىق قىلىمەن، مەن يېقىندا بۇ شېركەتنىڭ ماللارنى تاموژنىدىن ئىلىپ چىقىش ئۈچۈن بەزى تامۇژنا خىزمەتچىلەرگە رىشۋەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدىم، مەن بۇ شىركەتتە بوغالتىرلىق قىلىمەن، بۇ پۇللارنى خىزمەتچىلەرگە رىشۋەت بېرىش ئۈچۈن مۇدىرغا يەتكۈزىمەن، بۇنداق قىلسام ماڭا گۇناھ بولامدۇ؟، بۇ ھالەتتە مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: باشقىلارغا رىشۋەت بېرىش ياكى ئىلىش توغرا بولمايدۇ، بۇ چوڭ گۇناھلارنىڭ بىرىدۇر، بۇ توغرىدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «پارا بەرگۈچى ۋە پارا ئالغۇچىغا لەنەت قىلغان». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى6791-ھەدىس ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 3580-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "ئىرۋائۇل غەلىيل"دە 2621-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].   

لېكىن تۆۋەندىكى ئىشلار بۇنىڭغا قاتارىغا كىرمەيدۇ:

   1-ھەق ساھىبى ئۆز ھەققىنى پەقەت رىشۋەت بېرىش ئارقىلىق ئالالايدىغان بولسا بۇنداق قىلسا گۇناھ بولمايدۇ، ئۆلىمالار بۇنداق ھالەتتە پارا بېرىش دۇرۇس بولىدۇ، بەرگۈچىگە گۇناھ بولمايدۇ، ئالغۇچىغا ھارام بولىدۇ دېگەن. بۇنىڭ تەپسىلاتى 70516 - نومۇرلۇق سۇئاللارنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان. ئەگەر پارا بەرمىسە تاموژنىدىن مالنى ئىلىپ چىققىلى بولمىسا ياكى مالنى ۋاقتىدا ئىلىپ چىقالماسلىق سەۋەبىدىن مال ئىگىسىگە كۆپ زىيان بولۇپ كېتىدىغان بولسا، بۇ ۋاقىتتا پارا بېرىش دۇرۇس بولىدۇ، ئالغۇچىغا ھارام بولىدۇ.

   2-زۇلۇمنى يوق قىلىش ياكى ئازايتىش ئۈچۈن پارا بەرسە دۇرۇس بولىدۇ، ئەگەر مۇسۇلمانلارغا قويۇلغان باج-سىلىقلارنى كۆتۈرۈۋېتىش ئۈچۈن پارا بەرسە گۇناھ بولمايدۇ - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان.

   3-ئەگەر مالنى بىر كىشىگە ۋە ئىش بېجىرىش ئورنىغا بەرسە ئۇ كىشى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىپ مالنى تاموژنىدىن چىقارسا بۇنىڭدا گۇناھ بولمايدۇ ۋە بۇ پارا ھېسابلانمايدۇ، بەلكى ئۇ بىر كىشىنى ياللىغانلىق ھېسابلىنىدۇ.

   ئىككىنچى: ئەگەر مۇدىرنىڭ ئالغىنى بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن بولسا، سىزگە ئۇ ماللارنى يېزش ۋە تارقىتىش ئىشلىرىدا گۇناھ بولمايدۇ.

    ئەمما ئۇ مالنىڭ چەكلەنگەن نەرسىلەرنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بېرىلىدىغان پارا ئىكەنلىكى ئېنىق بولسا ياكى مالنى پارا بەرمىسىمۇ زىيان بولمايدىغان ۋە كىچىكتۈرمەيدىغان بىر ھالەتتە ئىلىپ چىقىش ئىمكانىيىتى بولسا ياكى يۇقىرىدا دۇرۇس بولىدۇ دەپ بايان قىلغان تۈرلەرگە كىرمەيدىغان شەكىلدە بولسا، ئۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ ئۇنى يېزش، تارقىتىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىش بىلەن ياردەمدە بولىشىڭىز توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى وَلا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ  تەرجىمىسى: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر.» [سۈرە مائىدە 2-ئايەت].

    سىز مۇدىرىڭىزغا نەسىھەت قىلىڭ، پارا بېرىشمۇ ۋە ئىلىشمۇ ئوخشاشلا ھارام ئىكەنلىكى، بۇنىڭغا ياردەم قىلىشنىڭمۇ ھارام ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ.

   شۇنى بىلىڭكى، كىمكى ئاللاھقا تەقۋادار بولىدىكەن، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بۇيسۇنىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىگە ئۆز پەزلىنى زىيادە قىلىدۇ، سىز ھەقنى بىلگەندىن ئۇنى بايان قىلىڭ، كىشىلەرنىڭ ھەيۋىتى سىزنى ھەقنى بايان قىلىشتىن چەكلەپ قويمىسۇن.

     ئەبۇ سەئىدىل خۇدەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خۇتبە سۆزلەپ دېگەن سۆزلىرىدىن: «دىققەت قىلىڭلار! كىشىلەرنىڭ ھەيۋىتى بىر كىشىنى ھەقىقەتنى بىلگەندىن كىيىن ئۇنى بايان قىلىشتىن  چەكلەپ قويمىسۇن.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 11030-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 2191-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 4007-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    ئاللاھ تائالا سىزنى ۋە بىزنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

  ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى