سۇئال
سوئال: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرلەپ مۇراسىم ئۆتكۈزۈش ئەسلى يوق بىدئەت ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ، لېكىن كۆپچىلىك كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئەمەس بەلكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيەت، ئىش-ئىزلىرىنى كىشىلەرگە تونۇشتۇرۇپ مۇراسىم ئۆتكۈزىدۇ، بۇ پائالىيەتلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدىن باشقا كۈنلەردە ئۆتكۈزۈشمۇ ھارام بولامدۇ؟، تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن ھەممە پائالىيەتلەر چەكلىنەمدۇ؟، مەسىلەن: تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش دېگەن سۆزنى قوللانماستىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى سۆزلەپ ھاياتىنى تونۇشتۇرۇشمۇ چەكلىنەمدۇ؟، بۇ سورۇنغا ھازىر بولغانلارغا تاماق تارقىتىش ھاراممۇ؟. بۇ سوئالنى سورۇشۇمدا، كېلەر شەنبە ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ئىككى ياشنىڭ توي مۇناسىۋىتى بىلەن زىياپەت بېرىلىدۇ، كەچلىك تاماقتىن كىيىن بۇ يەرگە توپلاشقان كىشىلەرگە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، گەرچە بۇ كۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە مۇۋاپىق كەلمىسىمۇ بۇ كۈننى "مەۋلۇت" دەپ ئاتىشىدۇ. بۇ پائالىيەت توي-تۆكۈندە ئوينىلىدىغان ناخشا-ئۇسۇلنىڭ ئورنىدا ئىلىپ بېرىلىدۇ. كىشىلەر بۇ سورۇندا كۆپ دىنى مەلۇماتقا ئىگە بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ۋە پەزىلىتىنى تارقىتىش نىيىتى بىلەن، كىشىلەرنى مەسچىتكە زىياپەتكە چاقىرىپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيەتلىرىدىن جامائەتنى خەۋەردار قىلىشىمۇ چەكلىنەمدۇ؟.