پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

ھامىلدار ئايالنىڭ دۇئاسى شەرتسىز ئىجابەت بولىدۇ، دېگەن سۆز توغرىمۇ؟

115143

تارقاتقان ۋاقىت : 07-01-2014

كۆرگۈچىلەر : 3835

سۇئال

ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇنكى، مەن ھامىلدار، ئاللاھ تائالادىن ماڭا سالىھ پەرزەنت ئاتا قىلىشىنى سورايمەن. ھامىلدار ئايالنىڭ دۇئاسى شەرتسىز ئىجابەت بولىدۇ، دېگەن سۆز توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن. ئاللاھ تائالا سىلەرگە ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىز بۇ ھەقتە كۆپ ئىزدەنگەندىن كېيىن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ياكى ساھابىلاردىن ھامىلدار ئايالنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولىدۇ، دېگەن سۆزنى ئىسپاتلايدىغان ئىشەنچىلىك بىرەر دەلىلنى ئۇچراتمىدۇق. لېكىن مۇسۇلمان دۇئا قىلغاندا، ئاللاھ تائالا ھەققىدە گۈزەل تۇيغۇدا بولۇشى، ئۇنىڭ بەندىگە ئاتا قىلىدىغان خەيرى-ئېھسانلىرىغا ئىشەنچ بىلەن قاراپ، ئۆزىنى كەرەملىك ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۆۋەن تۇتۇپ تىلىكىنى سورايدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ ۋە ئارزۇسىغا يەتكۈزىدۇ دەپ ئۈمىت قىلىمىز.

شۇنى ئەسلىتىپ ئۆتىمىزكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىنىڭ روھى بويىچە، ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتىگە قىلغان دۇئاسى، ئىجابەت قىلىنىدىغان دۇئالار تۈرىدىندۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئۈچ تۈرلۈك دۇئانىڭ ئىجابەت قىلىنىشىدا شەك يوقتۇر: زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسى، مۇساپىرنىڭ دۇئاسى، ئاتىنىڭ پەرزەنتىگە قىلغان دۇئاسى (ياكى بەددۇئاسى). [تىرمىزى رىۋايىتى 1905-ھەدىس. سەھىھ ئەدەبۇل مۇپرەد 372-ھەدىس].

ئىمام مەناۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاتىنىڭ پەرزەنتىگە قىلغان دۇئاسى (ياكى بەددۇئاسى) ئىجابەت بولىدۇ دېگەن ھەدىس سەھىھ بولۇپ، ئاتىنىڭ پەرزەنتكە شەپقەت قىلىشىدىن، ئۇ ئۆز نەپسىدىنمۇ بالىسىنى بەكراق ياخشى كۆرىدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ. ئانىنىڭ پەرزەنتكە ھەقىقى كۆيۈنىشىدىن، ئۇنىڭ پەرزەنتىگە بولغان رەھىمدىللىقى، كۆيۈمچانلىقى ۋە يېقىنلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنسىمۇ، ئەمما دادىدىنمۇ بەكرەك دۇئاسى ئىجابەت بولىدۇ دېگەن ھەقتە بىر نەرسە سۆزلەنمىگەن. چۈنكى دادىنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم". ["پەيزۇل قەدىر" ناملىق ئەسەر 3-توم 301-بەت].

ھامىلدار ئايال تۆرەلمىنىڭ كېلەچەكتە ئەخلاق-پەزىلەتلىك، ئەقىللىك ۋە سالىھ، ئىماندار ۋە ياراملىق ئىنسان بولىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت قىلىنىشى ئۈمىد قىلىنىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى