مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن .
پەيغەمبەرگە(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مەنسۇپ قىلىنغان
ھەدىسلەرنىڭ ئارىسىدا ، بىر قىسمى توغرا(سەھىيھ)دۇر ، بۇلارنىڭ
پەيغەمبەرنىڭ(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) سۆزلىرى
ئىكەنلىكىدە شەك يوق . يەنە بىر قىسمى بولۇپ بۇلار ئاجىز(زەئىف) دۇر ، بۇلارنىڭ
پەيغەمبەرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىگە شەكلىنىشكە بولىدۇ . توغرا ۋە ئاجىز ھەدىسلەرنىڭ
ھەر ئىككىلىسى ئالىملارغا ناھايىتى تونۇشتۇر . توغرا ھەدىسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان
توغرا ھەدىس كىتاپلىرى تۈزۈلدى ، مەسىلەن ، سەھىيھۇل بۇخارىي، سەھىيھۇل مۇسلىمغا
ئوخشاش . يەنە توغرا ھەدىسلەر ۋە باشقا ھەدىسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاپلار بار
، قالغان ھەدىيس كىتاپلىرىغا ئوخشاش .
ئالىملار توغرا ھەدىيسلەرنى باشقىلىرىدىن ئايرىشقا كۆپ كۈچ سەرىپ قىلدى ، بۇ
،ھەدىيس ئىلمىنى مەخسۇس ئۆگىنىۋاتقان ياش ئوقۇغۇچىلارغا مەلۇم .
پېشىۋا ئابدۇلكەرىيم خۇزەير