سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

مەسچىت ئەھلى ئىشلەتمەيدىغان مەسچىتنىڭ سىرتىغا قويۇلغان سۇ سوۋۇتۇش ئۈسكىنىسىنى قانداق قىلىش توغرىسىدا؟

سۇئال

   مەسچىتنىڭ سىرتىغا قويۇلغان چوڭ سۇ سوۋۇتۇش ئۈسكىنىسىنى سېتىۋەتسە توغرا بولامدۇ؟ چۈنكى ئۇنى ئىلگىرى بىر كىشى مەسچىتكە ۋەخپى قىلغان بولسىمۇ مەسچىت ئەھلى ئۇنىڭدىن پايدىلانمىدى، بۇ ھازىر تاشلىنىپ قالدى، مەسچىتنىڭ ئېچىدە سۇ سوۋۇتىدىغان ئۈسكىنە بولغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر سوغۇق سۇنى مەسچىتنىڭ ئېچىدىكى ئۈسكۈنىدىن ئېچىپ، سىرتتىكى ئىشلەتمەي تاشلاپ قويدى، ئۇنى سېتىپ پۇلىسىنى مەسچىتنىڭ خىراجەتلىرى ئۈچۈن ئىشلەتسەك توغرا بولامدۇ؟ ياكى سېتىش توغرا بولمىسا كۆپ كىشىلەر پايدىلىنىدىغان بازارنىڭ ئوتتۇرىغا ياكى ئەسكىرى ئورۇنلارغا ئاپىرىپ قويساق بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بۇ ئىشلاردا ۋەخپە قىلغۇچىنىڭ مەقسىتى ۋە شەرتلىرىگە رېئايە قىلىش كېرەك بولىدۇ، ۋەخپە قىلىنغان نەرسىلەرنى زۆرۈر بولمىغاندا ۋەخپە قىلغۇچىنىڭ مەقسىتى ۋە شەرتلىرىنىڭ ئەكسىچە ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ.

    زۆرۈر بولغان ھالەت: ۋەخپە تاشلىنىپ قىلىپ پايدىلانمىغان ۋاقىتتا ۋەخپە قىلىنغان نەرسىلەرنى يۆتكەپ ۋەخپە قىلغۇچىنىڭ مەقسىتىگە يېقىنراق ئىشلارغا ئىشلەتسە بولىدۇ.

    مۇشۇ سۇ سوۋۇتىدىغان ئۈسكۈنىنى ئەسلى ئىگىسى مەسچىتكە ۋەخپە قىلغان بولسا، بۇ مەسچىتتىكى كىشىلەر بۇنىڭدىن پايدىلانمىغان بولسا، بۇ پايدىلىنىدىغان باشقا بىر مەسچىتكە يۆتكەپ كېلىنىدۇ.

    ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق مەسچىت تېپىلمىسا، ئۇ ۋاقىتتا كىشىلەر كۆپ پايدىلىنىدىغان ئەسكىرى ئورۇن ياكى چوڭ بازاردەك ئورۇنلارغا يۆتكەپ كەتسە بولىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: "مەسچىتكە ۋەخپە قىلىنغان، كىيىم ئىشكاپى قاتارلىق نەرسىلەرنى مەسچىت ئەھلىنىڭ ئېھتىياجى بولمىسا ياكى مەسچىت تارچىلىق بولۇپ قالسا، ئۇنى باشقا جايغا ئاپىرىۋەتسە توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " ئەگەر ۋەخپىنى يۆتكەش پايدىلىق بولسا يۆتكىسە توغرا بولىدۇ، مەسچىت ئەھلىنىڭ ئېھتىياجى بولمىغان كۆرپە، كىيىم ئىشكاپى قاتارلىق نەرسىلەرنى مۇمكىن بولسا باشقا مەسچىتكە يۆتكىسە ياخشى بولىدۇ، ئەگەر يۆتكەش مۇمكىن بولمىسا، ئۇ نەرسىلەرنى سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىسىنى مەسچىتنىڭ ئىشلىرىغا ئىشلەتسە بولىدۇ، ئەگەر مەسچىتنى ۋەخپە باشقۇرۇش ئورۇنلىرى ئىدارە قىلىدىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا قايسى پايدىلىق بولسا شۇنى قىلسا بولىدۇ." ["ئايلىق ئوچۇقسۆھبەت" 168 بەت].

    ئەمما ۋەخپە قىلىنغان نەرسىلەردىن يەنە بىر ئورۇندا پايدىلىنىش مۇمكىن بولسا، ئۇنى سېتىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ۋەخپە قىلغۇچى سوۋۇتۇلغان سوغۇق سۇ بىلەن كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشىنى مەقسەت قىلىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ مەقسىدىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك بولىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى