چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

تاھارەت ئالغاندا ئاياللارنىڭ بېشىغا مەسىھ قىلىشنىڭ سۈپىتى توغرىسىدا

سۇئال

تاھارەت ئالغاندا ئاياللارنىڭ بېشىغا مەسىھ قىلىشى قايسى شەكىلدە بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، بارلىق ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   تاھارەت ئالغاندا ئاياللارنىڭ بېشىغا مەسىھ قىلىش شەكلى: ئەگەر ئايالنىڭ چېچى ئەر كىشىنىڭ چېچىدىن ئۇزۇن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا مۇنۇ ھەدىستە بايان قىلىنغان شەكىلدە بولىدۇ. رۇبەيئ بىنتى مۇئەۋۋىز رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇ ئايالنىڭ يېنىدا تاھارەت ئالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام چېچېنى ھەرىكەتلەندۈرمەستىن، بېشىنىڭ چوققىسىدىن باشلاپ بېشىنىڭ ھەممە يېرىگە مەسىھ قىلغان. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 26484-ھەدىس]. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن. يەنى مەسىھ قىلىشنى بېشىنىڭ چوققىسىدىن باشلىغان.

    ئىراقى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇنىڭ مەنىسى، مەسىھ قىلىشنى بېشىنىڭ چوققىسىدىن باشلاپ تۆۋەنگە چۈشۈرىدۇ، بېشىنىڭ ھەممە تەرىپىدىن شۇنداق قىلىدۇ".«ئوۋنىل مەئبۇدتىن نەقل قىلىندى].

     بېشىغا مەسىھ قىلىشنىڭ بىر شەكلى مەشھۇر بىر رىۋايەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: ئىنسان ئىككى قولى بىلەن بېشىنىڭ چېچىغا ئالدى تەرىپىدىن باشلاپ گەردەنگىچە مەسىھ قىلىپ ئىككى قولىنى يەنە شۇ شەكىلدە مەسىھنى باشلىغان ئورۇنغا قايتۇرىدۇ.

لېكىن بۇ شەكىلدە مەسىھ قىلىش بېشىنىڭ چېچىنى بۇزۇۋېتىدۇ، ئاياللار ئەڭ ياخشىسى بېشىغا دەسلەپتە بايان قىلىنغان شەكىلدە مەسىھ قىلىشنى تاللىسا ياخشى بولىدۇ ياكى بېشىنىڭ ئالدىدىن باشلاپ گەردىنىگىچە مەسىھ قىلىپ ئىككى قولىنى بېشىنىڭ ئالدى تەرىپىگە قايتۇرمايدۇ، بۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسنىڭ يەنە بىر چۈشەندۈرىلىشىدۇر. [بۇ ھەقتە 45867-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن].

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنى"1-توم 87-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر چېچى كۆپ بولۇپ ئىككى قولىنى گەدىنىدىن يەنە بېشىنىڭ ئالدى تەرىپىگە قايتۇرۇپ بولغىچە چېچىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىسە ئىككى قولىنى كەينىگە قايتۇرمايدۇ، ئىمام ئەھمەدمۇ شۇنداق بايان قىلغان، ئىمام ئەھمەدتىن بىرسى: ئەگەر بىر كىشىنىڭ چېچى ئىككى دولىسىغا يەتكۈدەك بولسا، ئۇ كىشى قانداق مەسىھ قىلىدۇ؟دەپ سورىغاندا، ئىمام ئەھمەد ئىككى قولىنى بېشىغا ئەكىلىپ، كۆرسىتىپ چېچىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىسە بېشىنىڭ ئالدىدىن باشلاپ گەردىنىگىچە مەسىھ قىلىدۇ، ئىككى قولىنى مەسىھنى باشلىغان ئورۇنغا قايتۇرمايدۇ دەپ جاۋاپ بەرگەن.

   ئەگەر خالىسا يۇقىرىدا رۇبەيئ رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىدە بايان قىلىنغادەك قىلسىمۇ بولىدۇ، ھەدىستە مۇنداق بايان قىلىنغان: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام چېچېنى ھەرىكەتلەندۈرمەستىن، بېشىنىڭ چوققىسىدىن باشلاپ بېشىنىڭ ھەممە يېرىگە مەسىھ قىلغان.[ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].

    ئىمام ئەھمەدتىن: ئايال كىشى قانداق مەسىھ قىلىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ كىشى جاۋاپ بېرىپ مۇنداق قىلىدۇ دەپ: ئىككى قولىنى بېشىنىڭ ئوتتۇرسىغا قويۇپ، ئاندىن بېشىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ، ئاندىن بېشىنىڭ ئالدىدىن مەسىھ قىلىدىغان يېرىدە قويۇپ، ئاندىن ئىككى قولىنى بېشىنىڭ ئالدىدىن باشلاپ گەردىنىگىچە مەسىھ قىلدى، بېشىغا مەسىھ قىلىشنىڭ پەرزى ئادا بولغاندىن كىيىن قايسى شەكىلدە مەسىھ قىلسا توغرا بولىدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى