چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

ھامىلدار ئايالنىڭ تىنچ-سالامەت تۇغۇشى ئۈچۈن مەلۇم بىر سۈرىنى ئوقۇشقا تەۋسىيە قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

مەن ھامىلدار، ئاللاھدىن سالىھ پەرزەنت ئاتا قىلىشنى تىلەيمەن، مەن بىر كىشىدىن ھامىلدار ئايال ھەر كۈنى تەرتىپلىك ھالەتتە مەريەم سۈرىسىنى ئوقۇسا، ئۇنىڭ تۇغۇت ئىشى ئاسان بولىدۇ، سۈرە يۈسۈپنى ئوقۇپ بەرسە بالىسى گۈزەل بولىدۇ،  دېگەن سۆزنى ئاڭلىدىم، بۇ سۆزلەرنى كۈچلاندۇرىدىغان سەھىھ ھەدىسلەر بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ئىسلام شەرىئىتىدە ھامىلدار ئايال قۇرئان كەرىمدىن مۇئەييەن بىر سۈرىنى ئوقۇپ بەرسە پەرزەنتىنىڭ ئەقىللىق ۋە گۈزەل بولىشىغا تەسىرى بولىدۇ دېگەننى ئىسپاتلايدىغان بىرەر دەلىلنى بىلمەيمىز، دەلىل، ئىسپاتسىز بۇنداق سۆزلەرنى قىلغان كىشى ئاللاھ ھەققىدە بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى دېگەن بولىدۇ.

   بەزى تور كۇلۇپلىرىدا بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ تەرجرىبىلىرىگە ئاساسەن تارقاتقان سۆزلىرىگە تايىنىش توغرا بولمايدۇ، ئىلمى تەتقىقات دېگەن پەقەت پىرىنسىپلىق بولسا ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ، كەڭ ئەۋرىشكىلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالغان ئېسىتاتېسكا، تەدرىجى باسقۇچلار، ئۆلچەشلەر سەۋەپ ۋە نەتىجىلەرنى چەكلەشكە تايىنىدۇ، بۇ ئۇزۇن يىللارغا ئېھتىياجلىق بولىدىغان بىر ئىش، ئومۇمى سۆز، خام-خىيالغا يېقىن  ئەمەس، بەلكى يالغاندىن راستلىقى بىلىنمەيدىغان ئىشتۇر.

    ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىمنىڭ ھەممىسى ياخشىلىق، بەرىكەت ۋە ئەجىر-ساۋاقتۇر، لېكىن بۇنىڭدىن بىز ئۆزىمىز ۋە ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن مەقسەت قىلغان ھەرقانداق ئىشنى قۇرئان كەرىمگە نىسبەت بېرىش دېگەنلىك ئىپادىلەنمەيدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: هُوَ الَّذِي يُصَوِّرُكُمْ فِي الْأَرْحَامِ كَيْفَ يَشَاءُ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ‏ تەرجىمىسى: «ئۇ سىلەرنى بەچچىدانلاردا (يەنى ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىكى چېغىڭلاردا) ئۆزى خالىغان شەكىلگە كىرگۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» [سۈرە ئال-ئىمران 6-ئايەت].

    ئىمام قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "يەنى چىرايلىق، سەت، قارا، ئاق، ئېگىز، پاكا، ساغلام، ئەيىپلىك ۋە باشقا ئىشلاردىن ئىبارەت". ["جامى ئەھكامۇل قۇرئان" 1-توم 927-بەت].

    شۇنداقتىمۇ، ھامىلدار ئايال قۇرئان كەرىمنى ئۆزى ئوقۇش ۋە ئاڭلاشقا ئادەت قىلىۋالسا ياخشى بولىدۇ، تىببى تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشچە، تۆرەلمە سېرىتقى ئاۋازلارنىڭمۇ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن، ئاۋاز قۇرئان تىلاۋەت قىلغۇچىنىڭ ئاۋازى بولسا، ئۇنىڭدىن پايدا مەنپەئەتنىڭ ھېچقانداق بىر تۈرىنى بىكىتمەستىن پەقەت مۇشۇ تۆرەلمىگە ياخشىلىق ۋە بەرىكەت ئۈمىد قىلىنىدۇ. 

    بىز سوئال سورىغۇچى ھەمشىرىمىزگە شەرئى دەلىل توغرىسىدا ئىزدىنىپ بىلىش ئۈچۈن تېرىشچانلىق قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز، بۇنداق قىلىشنىڭ بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ پرىنسىپلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى