شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

سۈيدۈك تېمىپ تۇرىدىغان كىشىنىڭ ئەۋرىتىگە خالتا كەيدۈرۈپ قويۇشى ئېھرامدا چەكلەنگەن ئىشلاردىن ھېسابلىنامدۇ؟

سۇئال

   سۈيدۈك تېمىپ تۇرىدىغان كىشى نىجاسەتنىڭ تارقىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئەۋرىتىگە خالتىدەك بىر نەرسە كەيدۈرۈپ قويسا قانداق بولىدۇ؟. بۇ ئېھرامدا چەكلەنگەن ئىشلاردىن ھېسابلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىز بۇ سوئالنى ھۆرمەتلىك ئۇستاز مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئۇسەيمىندىن سورىغان ئىدۇق، ئۇستاز: بۇ ئېھرامدا چەكلەنگەن ئىشلاردىن ھېسابلانمايدۇ دەپ جاۋاپ بەرگەن.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۈسەيمىن رەھىمەھۇللاھ.