جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

پەقەت جۈمە نامىزىنىلا ئوقۇيدىغان كىشى كاپىر ھېسابلانمامدۇ؟

109220

تارقاتقان ۋاقىت : 10-02-2016

كۆرگۈچىلەر : 2957

سۇئال

جۈمە نامىزىنىلا ئوقۇغان كىشى كاپىر بولمايدۇ دېگەن سۆز توغرىمۇ؟، مەن ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھنىڭ بىر پەتىۋاسىنى ئوقۇسام، شەيخ پەتىۋادا: "پەقەت جۈمە نامىزىنىلا ئوقۇغان كىشى كاپىر بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى نامازنى تولۇق تەرك قىلمىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: نامازنى تەرك قىلغان دەپ ئېنىقسىز لەپزى بىلەن ئەمەس بەلكى ئېنىق لەپزى بىلەن بايان قىلغان. ئىبنى ئۇسەيمىين ۋە ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھدىن بۇ توغرىدا پەتىۋالار بايان قىلىنغانمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقى، قانچىلىك نامازنى تەرك قىلسا كاپىر ھېسابلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىسلام ئالىملىرىنىڭ قارىشى ئوخشاش ئەمەس، كۆپچىلىك ئالىملار بىر ۋاقىت ياكى ئىككى ۋاقىت نامازنى تەرك قىلسا كاپىر بولىدۇ دەپ قارايدۇ، يەنە بىر قىسىم ئالىملار نامازنى مۇتلەق تەرك قىلسا كاپىر بولىدۇ دەپ قارايدۇ.

بىرىنچى قاراشتىكى ئالىملارنىڭ دەلىلى: ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەي رەھىمەھۇللاھنىڭ ساھابىلار ۋە تابىئىنلاردىن بايان قىلغان ئەسىرى.

ئىمام مۇھەممەد ئبنى نەسىر ئەلمىرۋەزىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەن ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەي رەھىمەھۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بولغان توغرا قاراشتا نامازنى تەرك قىلغۇچى كاپىر ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭدەك پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىن باشلاپ مۇشۇ كۈنگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئالىملارنىڭ قارىشىدىمۇ، قەستەن نامازنى تەرك قىلىپ سەۋەپسىز نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتكۈچى كاپىر ھېسابلىنىدۇ، ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋىتىش دېگەنلىك: پىشىننى نامىزىنى كۈن ئولتۇرىدىغان ۋاقىتقا كىچىكتۈرۈش، شام نامىزىنى بامدات ۋاقتىغا كىچىكتۈرۈش دېمەكتۇر.

نامازنىڭ ئاخىرىقى ۋاقتى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۈپەتلەپ بەرگەن بويىچە بىكىتىلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەرەپاتتا، مۇزدەلىپىدە ۋە سەپەردە ئىككى نامازنى بىرگە ئوقۇپ كۆرسەتتى، بىرىنچى نامازنىڭ ئاخىرىقى ۋاقتىنى ئىككىنچى نامازنىڭ ئەۋۋەلقى ۋاقتى قىلدى، ئىككىنچى نامازنىڭ ئەۋۋەلقى ۋاقتىنى بىرىنچى نامازنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى قىلىپ بېكىتتى. شۇنداقلا سەۋەپ تىپىلغان ۋاقىتتا ئۇ ئىككى نامازنىڭ ۋاقتى بىر ۋاقىت بولدى. شۇنىڭدەك ھەيزدار ئايال كۈن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى ھەيزدىن پاكلانغان بولسا پىشىن بىلەن ئەسىرنى قىتىپ ئوقۇيدۇ، كېچىنىڭ ئاخىرىدا تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى پاكلانغان بولسا شام بىلەن خۇپتەننى قىتىپ ئوقۇيدۇ. ["نامازنىڭ ھۆرمىتىنى ئۇلۇغلاش" ناملىق ئەسەر 2-توم 929-بەت].

مۇھەممەد ئىبنى نەسىر رەھىمەھۇللاھ ئىمام ئەھمەدنىڭ مۇنۇ سۆزىنى نەقل قىلىدۇ: "مۇسۇلمان قەستەن نامازنى تەرك قىلغاندىن باشقا گۇناھ بىلەن كاپىر ھېسابلانمايدۇ، ئەگەر بىر نامازنى يەنە بىر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگۈچە ئوقۇمىسا ئۇ كىشى ئۈچ قېتىم تەۋبە قىلدۇرىلىدۇ". يەنە ئىبنى مۇبارەكنىڭ مۇنۇ سۆزىنى نەقل قىلىدۇ: "سەۋەپسىز نامازنى قەستەن تەرك قىلىپ بىر نامازنى يەنە بىر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگۈچە ئوقۇمىغان كىشى كاپىر ھېسابلىنىدۇ". ["نامازنىڭ ھۆرمىتىنى ئۇلۇغلاش" ناملىق ئەسەر 2-توم 929-بەت].

ئىمام ئىبنى ھەزمى رەھىمەھۇللاھ مۇندق دەيدۇ: "بىزگە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، مۇئاز ئىبنى جەبەل، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد ۋە باشقا ساھابىلاردىن (ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن رازى بولسۇن)، ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەي(ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى بولسۇن)، يەنە ساھابىلاردىن ئون يەتتە كىشىدىن (ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن)، بىر ۋاقىت نامازنى قەستەن ئىسىدە تۇرۇپ ئوقۇماي ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتكەن كىشى كاپىر، مۇرتەد ھېسابلىنىدۇ دەپ بايان قىلىنغان. ئىمام مالىكنىڭ ساھىبى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەلماجشۇن، ئابدۇل مەلىك ئىبنى ھەبىيب ئەل ئەندەلۇسىي ۋە باشقا ئالىملارمۇ شۇنداق قاراشتا بولغان". ["ئەلفەسلى فىل مىلەل ۋەلئەھۋائى ۋەننىھەل" ناملىق ئەسەر 3-توم 128-بەت].

ئىبنى ھەزمى رەھىمەھۇللاھ يەنە مۇنداق دېگەن: "ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋپ، مۇئاز ئىبنى جەبەل ، ئەبۇ ھۈرەيرە ۋە باشقا ساھابىلاردىن (ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) بىر ۋاقىت نامازنىڭ ۋاقتىنى قەستەن كىچىكتۈرۈپ، ۋاقتى ئۆتۈپ بولغىچىمۇ ئوقۇمىغان كىشى كاپىر، مۇرتەد ھېسابلىنىدۇ دېگەن ئەسەر بايان قىلىنغان. ["ئەلمۇھەللاھ"ناملىق ئەسەر 2-توم 15-بەت].

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومېتىتىمۇ شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مۇشۇ قاراشنى كۈچلاندۇرغان. "دائىمى كومېتىتى پەتىۋاسى"(6/40-50).

ئەمما ئىككىنچى قاراش بولسا: نامازنى تولۇق تەرك قىلسا يەنى پەقەت ئوقۇمىسا كاپىر بولىدۇ دېگەن قاراش بولۇپ، ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان. نامازنىڭ بەزىسىنى ئوقۇماي، ئىمام ياكى ئۇنىڭ نائىبى ناماز ئوقۇشقا دەۋەت قىلسا يەنىلا نامازنى ئوقۇمىغان كىشىمۇ كاپىر بولىدۇ دەپ قارايدۇ. شۇنىڭدەك، نامازنى بەزى ۋاقىتتا ئوقۇپ يەنە بەزى ۋاقىتتا ئوقۇمايدىغان كىشى ئۆز كۆڭلىدە نامازنى پۈتۈن ئوقۇماسلىقنى مەقسەت قىلسا، بۇ ئادەم ئىچكى تەرەپتىن يەنە ئۆزى بىلەن ئاللاھ تائالا ئارىسىدىكى ئالاقىدە كاپىر ھېسابلىنىدۇ". ["پەتىۋالار توپلىمى"(22/49) (7/615)ۋە شەرھۇل ئۈمدە 2-توم 94-بەت].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھمۇ مۇشۇ قاراشنى كۈچلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: "يۇقىرىقى دەلىللەردىن مەلۇم بولىشچە: نامازنى دائىم تەرك قىلغان كىشى كاپىربولىدۇ، يەنى كۆڭلىدە پەقەت ناماز ئوقۇماسلىقنى مەقسەت قىلىپ، پىشىننىمۇ، ئەسىرنىمۇ، شامنىمۇ، خۇپتەننىمۇ ۋە بامداتنىمۇ ئوقۇمىغان بولسا ئۇ كىشى كاپىر ھېسابلىنىدۇ، ئەمما بىر ۋاقىت ياكى ئىككى ۋاقىت ناماز ئوقۇغان بولسا، ئۇ ئادەم كاپىر ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى بۇنداق ئادەمنى نامازنى پۇتۇن تەرك قىلدى دىگىلى بولمايدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە: «مۇسۇلمان بىلەن مۇشرىك ۋە كاپىرنىڭ ئارىسىدىكى پەرق، نامازنى تەرك قىلىش» دېدى. ھەدىستە نامازنى تەرك قىلىش ئىبارىسى ئېنىقسىز لەپزى بىلەن ئەمەس بەلكى ئېنىق لەپزى بىلەن بايان قىلغان." [شەرھۇل مۇمتىئ"2-توم 26-بەت].

پەقەت جۈمە نامىزى ئوقۇيدىغان، باشقا نامازلارنى ئوقۇمايدىغان كىشىگە كەلسەك، شەيخنىڭ پەتىۋالىرىدا بۇنداق كىشىگە ھۆكۈم بېرىلگەنلىك توغرىسىدا پەتىۋا بايان قىلىنمىغان، لېكىن بىز شەيختىن بىۋاستە سورىغان ۋاقتىمىزدا، ئۇ: بۇنداق كىشى كاپىر بولىدۇ دېگەن. چۈنكى بىر ھەپتىدە ئوقۇيدىغان ئوتتۇز بەش ۋاقىت نامازدىن بىرنىلا ئوقۇش بەك ئاز ھېسابلىنىدۇ، بۇنداق ئادەمنى ناماز ئوقۇدى دېگىلى بولمايدۇ، بۇ كىشى نامازنى تەرك قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى