سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

قۇرئان كەرىمنى تىلېفۇنغا قاراپ ياكى يادغا ئوقۇش توغرىسىدا

سۇئال

قۇرئان كەرىمنى قۇرئانغا قاراپ ئوقۇماي، تىلېفۇنغا قاراپ ياكى يادقا ئوقۇسا بۇنىڭ ئەجىر-ساۋابى ئاز بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

      مۇسۇلمان قۇرئان ئوقۇغان ۋاقىتتا قايسى ھالەتتە ئوقۇسا خۇشۇ-قىزغىنلىق زىيادە بولىدىكەن شۇ ھالەتتە ئوقۇش ياخشى بولىدۇ، ئەگەر يادقا ئوقۇغاندا خۇشۇ زىيادە بولىدىكەن يادقا ئوقۇغان ياخشى بولىدۇ، ئەمما قۇرئانغا ياكى تىلېفۇنقا قاراپ ئوقۇغاندا خۇشۇ زىيادە بولسا ئۇ ۋاقىتتا قۇرئانغا ياكى تىلېفۇنغا قاراپ ئوقۇسا ياخشى بولىدۇ.

     ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئەلئەزكار" ناملىق ئەسەر 90-91-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "قۇرئان كىرىمنى يادقا ئوقۇغاندىن قاراپ ئوقۇسا ياخشى بولىدۇ، بىزنىڭ ئۆلىمالىرىمىز شۇنداق قارايدۇ، سەلەپ ئۆلىمالىرىدىنمۇ مۇشۇ قاراش مەشھۇر بولغان، بۇ مۇتلەق ئەمەس، بەلكى قۇرئان ئوقۇغۇچى يادقا ئوقۇغاندا خۇشۇ بىلەن، پىكىر-تەدەپبۇر قىلىپ، قەلبى ۋە ئەزالىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇيدىكەن بۇ ھالەتتە يادقا ئوقۇغان ياخشى بولىدۇ، ئەممە ھەر ئىككى ھالەتتە ئوخشاش بولسا ئۇ ۋاقىتتا قاراپ ئوقۇغان ياخشى بولىدۇ، سەلەپ ئالىملىرىنىڭ مەقسەت قىلغىنى بۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر.

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن قۇرئانغا قاراپ ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا دەلىل قىلىشقا يارىمايدىغان ئاجىز-زەئىپ ھەدىسلەر رىۋايەت قىلىنغان. 

   شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: قۇرئان كەرىمنى يادقا ئوقۇغان بىلەن قاراپ ئوقۇغاننىڭ ئارىسىدا ئەجىر-ساۋاپتا پەرق بارمۇ؟ ئەگەر قاراپ ئوقۇغاندا، ئىككى كۆز بىلەن قاراپ ئوقۇش كۇپايە قىلامدۇ ياكى ئىككى لېۋىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش زۆرۈرمۇ؟ئىككى لېۋىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش كۇپايە قىلامدۇ ياكى چوقۇم ئاۋاز چىقىرىش كېرەكمۇ؟دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: " قۇرئاننى قاراپ ئوقۇش بىلەن يادقا ئوقۇشنىڭ ئارىسىدا پەرق بار دېگەنلىك توغرىسىدا دەلىلنى بىلمەيمەن، ھەقىقەتەن قۇرئان ئوقۇغاندا يادقا ئوقۇسۇن ياكى قاراپ ئوقۇسۇن پىكىر قىلىش، ئويلىنىش، كۆڭلىنى يىغىش مەقسەت قىلىنىدۇ، ئاۋاز ئاڭلانسا ئوقۇغان بولىدۇ، قاراپ قويۇش ۋە ئاۋاز چىقارماي ئىككى لېۋىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ قويۇش كۇپايە قىلمايدۇ. سۈننەت بويىچە قۇرئان ئوقۇغۇچى ئاۋازنى چىقىرىپ ئويلىنىپ ئوقۇشى كېرەك بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  كِتَابٌ أَنْزَلْنَاهُ إِلَيْكَ مُبَارَكٌ لِيَدَّبَّرُوا آيَاتِهِ وَلِيَتَذَكَّرَ أُولُو الْأَلْبَابِ  تەرجىمىسى: (بۇ) ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۈر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر. [سۈرە ساد 29-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  أَفَلَا يَتَدَبَّرُونَ الْقُرْآنَ أَمْ عَلَى قُلُوبٍ أَقْفَالُهَا  تەرجىمىسى: ئۇلار(ھەقنى تونۇش ئۈچۈن) قۇرئاننى پىكىر قىلمامدۇ؟ بەلكى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قۇلۇپ بار (شۇڭا ئۇلار چۈشەنمەيدۇ). [سۈرە مۇھەممەد 24-ئايەت].

    ئەگەر قۇرئاننى يادقا ئوقۇسا خۇشۇ بولۇپ، بەكرەك پىكىر قىلالايدىغان بولسا ئۇ ھالەتتە يادقا ئوقۇغان ياخشىدۇر، قاراپ ئوقۇسا بەكرەك خۇشۇ بىلەن پىكىر قىلالىسا ئۇ ھالەتتە قاراپ ئوقۇغان ياخشى بولىدۇ، قايسى ھالەتتە پىكىر قىلىپ، ئويلىنىپ ئوقۇسا شۇ ھالەتتە ئوقۇش ياخشى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر. ["شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى"24-توم 352-بەت].

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سۆزلەرگە كۆرە، قۇرئان كەرىمنى تىلېفۇندىمۇ خۇشۇ ۋە ئويلىنىش بىلەن ئوقۇسا بۇنىڭ ئەجىر-ساۋابى قۇرئانغا قاراپ ئوقۇغاندىن ئاز بولمايدۇ، مۇھىمى، چىن ئىخلاس بىلەن ئوقۇپ قۇرئان كەرىمدىن مەنپەئەت ئېلىشتۇر.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى