شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

ئېھراملىق كىشى كۈنلۈك ئىشلەتسە توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

   ئېھراملىق كىشى كۈنلۈك ئىشلەتسە قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    كۈن نۇرىدىن ۋە ئىسسىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۈنلۈك كۈتۈرىۋالسا توغرا بولىدۇ. بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئېھرامدا ئەرلەرنىڭ  بېشىنى ئورىۋېلىشتىن چەكلىگەنلىكى توغرىسىدىكى چەكلىمىنىڭ دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. چۈنكى بۇ بېشىنى ئوراش ئەمەس، بەلكى كۈن نۇرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۈنلۈك ئىشلىتىشتۇر. ئىمام مۇسلىم بايان قىلغان سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇسامە ئىبنى زەيد ۋە بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىرگە بولغان بولۇپ، ئىككىسىنىڭ بىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۆگىسىنى يېتىلىۋالغان بولۇپ، يەنە بىرى كىيىمىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ چوڭ شەيتانغا تاش ئېتىپ بولغانغا قەدەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى كۈن نۇرىدىن سايە قىلىپ توسقان. يەنە بىر رىۋايەتتە: كىيىمىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بېشىنىڭ ئۈستىگە سايە قىلىپ كۈن نۇرىدىن توسقان دەپ كەلتۈرگەن.

     بۇ ھەدىس پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئېھرامدىن چىقىشتىن بۇرۇن ئېھراملىق ھالەتتە كىيىم بىلەن سايە قىلىنىپ كۈن نۇرىدىن سايىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 22-توم 147-148-بەت].

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى