جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

رامىزان ئىچىدە ئۆزى ياشاۋاتقان رايون بىلەن رامىزاننىڭ باشلىنىشى پەرقلىق بولغان باشقا رايونغا سەپەر قىلغانلىق توغرىسىدا

سۇئال

مەن ياشاۋاتقان رايوندا رامىزان روزىسى باشلاندى، رامىزان ئىچىدە روزا تۇتۇشنى بىزدىن بىر كۈن كېيىن باشلىغان باشقا جايغا سەپەر قىلدىم. مەن مۇشۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارغا ماسلىشىپ روزىنى داۋاملاشتۇرىمەنمۇ؟ ئۇنداق قىلسام مەن 31 كۈن روزا تۇتقان بولىمەن؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

بۇ مەسىلىدە؛ رامزاننىڭ باشلىنىشى ئۆزى تۇرغان رايوندىن، رامزاننىڭ ئاخىرى ئۆزى سەپەر قىلىپ كەلگەن رايوندىن ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىككى يۇرتتا بولۇپ جەمئى 28 كۈن روزا تۇتقان بولسا، بىر كۈن قازا روزا تۇتۇپ 29 كۈننى تولۇقلايدۇ، چۈنكى ھىجىرىيە ئايلىرى 29 كۈندىن ئاز بولمايدۇ. سەپەر قىلىپ كەلگەن رايوندا 30 كۈن تولۇق روزا تۇتقان بولسا، شۇ يەردىكى كىشىلەر بىلەن بىرگە ئاخىرقى كۈندىمۇ روزا تۇتىدۇ. ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئېغىز ئاچىدۇ ۋە بىرلىكتە ھېيت نامىزى ئوقۇيدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابە كىراملىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئىلمى تەتقىقات ۋە پەتىۋا كومىتېتى ئەزالىرىدىن: شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇراززاق ئەپىپىي، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى