جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ھەسەت قىلىش بارمۇ؟ ئۇ قانداق بولىدۇ؟ دېگەنلىك توغرىسىدا

سۇئال

 ئىسلامدا ھەسەتخورلۇق بارمۇ؟ ياكى يوقمۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   ھەسەت دېگەن ئاللاھ تائالانىڭ ھەسەت قىلىنغان كىشىگە بەرگەن نېمەتلىرىنىڭ يوق بولىشىنى ئارزۇ قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان ۋاقىتتىكى يامانلىقىدىن پاناھ تېلەشكە بۇيرىغان، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ الْفَلَقِ * مِنْ شَرِّ مَا خَلَقَ * وَمِنْ شَرِّ غَاسِقٍ إِذَا وَقَبَ * وَمِنْ شَرِّ النَّفَّاثَاتِ فِي الْعُقَدِ * وَمِنْ شَرِّ حَاسِدٍ إِذَا حَسَدَ  تەرجىمىسى: « مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن، قاراڭغۇلۇقى بىلەن كىرگەن كېچىنىڭ شەررىدىن، تۈگۈنلەرگە دەم سالغۇچى سېھىرگەرلەرنىڭ شەررىدىن، ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى شەررىدىن سۈبھىنىڭ پەرۋەردىگارى (ئاللاھ) قا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن، دېگىن» [سۈرە پەلەق].

   ھەسەت قىلغان ۋاقىتتى دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: كۆڭلىدىكى ھەسەتنى ئاشكارا قىلىپ، ئۇنىڭ تەقەززاسى بويۇنچە ئىش قىلغاندا، ھەسەت ئۇ كىشىنى ھەسەت قىلىنغۇچى كىشىگە يامانلىق يەتكۈزۈشكە ئېلىپ بارىدۇ. ھەسەت بىرقانچە تۈرلۈك بولىدۇ: بىرىنچىسى: ئىنسان ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىغا بېرىلگەن نېمەتنىڭ گەرچە ئۆزىگە كەلمىسىمۇ ئۇنىڭ يوق بولىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ باشقىلارغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى ئۆچ كۆرىدۇ ۋە بۇنىڭدىن قەلبى ئۆرتىنىدۇ.

  ئىككىنچىسى: باشقىلارغا بېرىلگەن نېمەتكە قىزىقىپ، ئۇنىڭ باشقىلاردىن يوق بولىشىنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۆزىگە كېلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.

   ئۈچىنچى:باشقىلارغا بېرىلگەن نېمەتنىڭ يوق بولىشىنى ياخشى كۆرمەستىن ئۆزىگىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش نېمەت بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، بۇ ھەسەت قىلىشنىڭ قاتارىدىن بولمايدۇ بەلكى يوللۇق بولغان ھەسەتتىن ھېسابلىنىدۇ.

    ھەسەتخور ئۈچ تەرەپتىن ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدۇ:

    بىرىنچى:  گۇناھنى كەسىپ قىلىش بىلەن، چۈنكى ھەسەت قىلىش ھارامدۇر.

    ئىككىنچىسى:  ئاللاھ تائالاغا ئەدەپسىزلىك قىلىش بىلەن، چۈنكى ھەسەتنىڭ ھەقىقىتى بولسا ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسىگە ئاتا قىلغان نېمەتنى ئۆچ كۆرۈش، ئاللاھنىڭ ئىشىغا قارشى چېقىشتۇر

    ئۈچىنچى:  غەم-قايغۇسىنىڭ كۆپلىكىدىن دىلى ئۆرتىنىدۇ. ئاللاھ تائالا توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

     پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا  ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن

   سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات، پەتىۋا كومىتېتى.

    شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئالى شەيخ. شەيخ ئابدۇللاھ غۇدەييان. شەيخ سالىھ ئەلپەۋزان.  شەيخ بەكىر ئەبۇ زەيد قاتارلىقلار.  "[سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات، پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋالىرى" 26 -توم 29-بەت.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى