سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

تۈلكە تېرىسى ئاشلانسىمۇ پاكىزە بولمايدۇ

105419

تارقاتقان ۋاقىت : 31-12-2012

كۆرگۈچىلەر : 3850

سۇئال

تۈلكە تېرىسى ئاشلانسا پاكىزە بولامدۇ؟ ئاشلانغاندىن كېيىن ئۇنى كىيىم-كېچەككە ئىشلەتسەك ياكى باشقا تەرەپتىن پايدىلانساق بولامدۇ؟ ئۇنى سېتىش ۋە ئۇنىڭ تىجارىتىنى قىلىش توغرىمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

تۈلكىنىڭ تېرىسى گۆشىگە ئوخشاشلا نىجىستۇر، چۈنكى ئۇمۇ پايدىلىنىش چەكلەنگەنيىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تىتىپ يەيدىغان بارلىق يىرتقۇچلارنى يېيىش چەكلەنگەن.» [ مۇسلىم رىۋايىتى].

ئەبىي مەلىيھئىبنى ئۇسامە ئۆزىنىڭ دادىسىدىن،ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تېرىسىنى ئىشلىتىشتىن چەكلىگەن». ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، نىسائىي ۋە تىرمىزىي قاتارلىىقلار بۇ ھەدىسنى «كۆرپە قىلىپ ئىشلىتىشتىن» دېگەن ئىبارەتنى زىيادە رىۋايەت قىلىدۇ.

مۇئاۋىيە ئەبۇ سۇپيان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر نەچچە كىشىگە: «سىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يىلپىزنىڭ تېرىسىنى سىلىنجا قىلىشتىن چەكلىگەنلىك توغرسىدىكى ھەدىسىنى بىلەمسىلەر؟ دەپ سورىغاندا، ئۇلار: ھەئە بىلىمىز، دەپ جاۋاپ بەرگەن.» [ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].

مىقدام ئىبنى مەدى يەكرەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن: «ئاللاھنىڭ ھەققى بىلەن سورايمەن، سەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنىڭغا مىنىشتىن چەكلىگەنلىك توغرىسىدا ھەدىس بارلىقىنى بىلەمسىز؟ دەپ سورىغاندا، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇئەنھۇ: ھەئە- بىلىمەن،» دەپ جاۋاپ بەرگەن. [ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائى رىۋايىتى].

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: «يىلپىز تېرىسىنى ئۆزىگە ھەمرا قىلغان كىشىلەرگە، پەرىشتىلەر ھەمراھ بولمايدۇ.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەردىن: گۆشى يېيىلمەيدىغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسىنى ئىشلىتىشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكى ئىسپاتلىنىدۇ. ئۇنى ئىشلىتىش تەكەببۇرلۇق ۋە چوڭچىلىقنى شەكىللەندۈرىدۇ.

ئاللاھ ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

پەتىۋادا: شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئال- شەيخ، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان، شەيخ سالىھ ئەلپەۋزانۋە شەيخ بەكىر ئەبۇ زەيىد قاتارلىقلار.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى