جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئەرلەرنىڭ بېشىنىڭ چېچىنى قىسقارتىشى قانداق شەكىلدە بولىدۇ؟

سۇئال

قۇزە دېگەن نېمە؟ بەزى ياشلارنىڭ بېشىنىڭ بىر تەرىپىنىڭ چېچىنى ئالدۇرۇپ، ئوتتۇرنى قويۇپ قويۇشىنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئالى شەيختىن: قۇزە توغرىسىدا سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "چاچقا ئالاقىدار مەسىلىدە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۈننىتى: چاچنىڭ ھەممىسىنى ئالدۇرۇش ياكى ھەممىسىنى قويۇپ قويۇش، ھەرگىزمۇ بەزىسىنى چۈشۈرۈپ بەزىسىنى قويۇپ قويۇش ئەمەس. ئەمما ھازىر بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ قىلىۋاتقان چېچىنىڭ بەزىسىنى ئالدۇرۇپ، بەزىسىنى قويۇپ قويۇشى ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە چەكلىگەن "قۇزە" دىن ئىبارەت، ئۇ بىر قانچە تۈرلۈك بولۇپ:

1-باشنىڭ چېچىنىڭ بىر تەرىپىنى چۈشۈرۈپ يەنە بىر تەرىپىنى قويۇپ قويۇش.

2-چېچىنىڭ بىر تەرىپىنى ئالدۇرۇپ ئوتتۇرىنى قويۇپ قويۇش.

3-بېشىنىڭ ئوتتۇرسىنىڭ چېچىنى ئالدۇرۇپ ئەتراپىنى قويۇپ قويۇش.

4-بېشىنىڭ چېچىنىڭ ئالدى تەرىپىنى ئالدۇرۇپ، كەينى تەرىپىنى قويۇپ قويۇش.

5-بېشىنىڭ چېچىنىڭ كەينى تەرىپىنى ئالدۇرۇپ، ئالدى تەرىپىنى قويۇپ قويۇش.

6-بېشىنىڭ بىر تەرىپىنىڭ چېچىنى ئالدۇرۇپ قالغان تەرەپلىرىنى قويۇپ قويۇش.

7- چاچتا رەقەم ياكى ھەرپ شەكىللەندۇرۇش.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس بۇ تۈرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام "قۇزە" دىن چەكلىگەن يەنى كېچىك بالىنىڭ چېچىنىڭ بەزىسىنى ئالدۇرۇپ بەزىسىنى قويۇپ قويۇشتىن.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: چېچىنىڭ بەزىنى ئالدۇرۇپ، بەزىسىنى قويۇپ قويغان بىر كېچىك بالىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى بۇنداق قىلىشتىن چەكلەپ، چېچىنىڭ ھەممىسىنى ئالدۇرىۋېتىڭلار ياكى ھەممىسىنى قويۇپ قويۇڭلار دېگەن. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھىجامە قىلدۇرماستىن گەردىنىنىڭ چېچىنى ئالدۇرىۋېتىش مەجۇسىلەرنىڭ قىلىقىدۇر. سۈنەن ئەبۇ داۋۇدتا، ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇئەنھۇ بىر كېچىك بالىنىڭ بېشىنىڭ چېچىدىن ئىككى دۈگۈلەكنى قويۇپ قالغان يېرىنى ئالدۈرۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ: بۇ دۈگۈلەكنى ئالدۇرىۋېتىڭلار ياكى قىسقارتىۋېتىڭلار، بۇ يەھۇدىيلارنىڭ بەلگىسى دېدى. ئىمام مىۋەزىي مۇنداق دەيدۇ: مەن ئابدۇللاھنىڭ دادىسى، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رەھىمەھۇللاھدىن، گەردەننىڭ چېچىنى ئالدۇرىۋېتىش توغرىسىدا سورىغان ئىدىم، ئۇ: بۇ مەجۇسىيلارنىڭ قىلىقى، كىمكى يات بىر قەۋمگە ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ كىشىمۇ شۇلاردىن ھېسابلىنىدۇ دېگەن.

مەنبە: ["مۇسۇلمان ئايال توغرىسىدىكى پەتىۋالار"2-توم 510-بەت]