پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

سۈرمە بىلەن قاشنى سېزىش توغرىسىدا

103345

تارقاتقان ۋاقىت : 26-09-2022

كۆرگۈچىلەر : 1003

سۇئال

   بۇ يەردە قاشنى سېزىشنىڭ بىر يولى بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ، قېشىنىڭ ئۈستىگە قېشىنى يوشۇرىدىغان بىر ماددىنى قويۇپ ئاندىن سۈرمە بىلەن قاشنىڭ ئۈستىگە سېزىش، بۇنداق قىلىش توغرا بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بۇنىڭدا گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭ ئەسلى قارشى تەرەپنى ئالداش بولمىسا دۇرۇسلۇقتۇر، ئەمما قارشى تەرەپنى ئالداش بولسا توغرا بولمايدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: قېشىنى تېرىسىنىڭ رەڭگىگە يېقىن رەڭ بىلەن بوياش توغرىمۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " ئۇنداق قىلسا بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ئەسلى دۇرۇس بولۇپ پەقەت قۇرئان ۋە ھەدىستىن بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ دەيدىغانغا دەلىل بولسا چەكلىنىدۇ".[ شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ دەۋەت ژورنىلىدىكى 1741- نومۇرلۇق پەتىۋاسى.  1421يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى 36-بەت].

    قېشىنى بويىسۇن ياكى باشقا ماددا بىلەن ئورىسۇن ئاندىن سۈرمە بىلەن قاش سىزسۇن بۇنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە قۇرئان ھەدىستە سەھىھ دەلىل بولمىغان ئەھۋالدا ئەسلى دۇرۇس دېگەن قائىدە بويۇنچە بولىدۇ. بۇ چەكلەنگەن قاش تېرىش مەسىلىسىگە ئوخشىمايدۇ.

    لېكىن بۇ ماددىنى قاشقا قويغاندا بۇ ماددا قاشقا سۇنىڭ تىگىشىنى چەكلەپ قويامدۇ؟ بۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك، ئەگەر قاشقا سۇنىڭ يىتىپ بېرىشىنى چەكلەپ قويسا ئۇنى ئېلىۋەتمىگۈچە تاھارەت توغرا بولمايدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى