جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئىسلامى مۇنبەرلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئەۋزەلمۇ ياكى پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى قىلىشمۇ؟

101732

تارقاتقان ۋاقىت : 10-12-2012

كۆرگۈچىلەر : 4831

سۇئال

ىز بىر گۇرۇپ قىز-خانىملار، ساغلام ئېقىمدىكى ئىسلامى مۇنبەرلەردە باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيمىز، شۇنداقلا بۇ سەۋەبلىك مۇنبەردە نەچچە سائەتلەپ ئولتۇرىمىز، بىزنىڭ مۇنبەرلەردە ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلىرىمىز دىنى دەۋەت ھېسابلىنامدۇ؟ مۇنبەردە باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش ئەۋزەلمۇ ياكى قۇرئان ئوقۇش ۋە تائەت-ئىبادەت قىلىشمۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا خاستۇر.

ئاللاھنىڭ دىنىغا چاقىرىش ياخشى ئەمەللەر قاتارىدىن بولۇپ، ئاللاھقا يىقىنلىشىشتىكى ئەڭ مەنپەئەتلىك يولدۇر. مەنپەئەتى ئۆزىدىن باشقىلار دائىرىسىگە ھالقىغان ئىبادەتتۇر. شۇنداقلا بارلىق پەيغەمبەرلەر ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ تۇتقان يولىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ئېيتقىنكى، بۇ مېنىڭ يولۇمدۇر، كىشىلەرنى ئاللاھ قا دەۋەت قىلىمەن، مەن ۋە ماڭا ئەگەشكەنلەر روشەن دەلىلگە ئاساسلىنىمىز. ئاللاھ پاكدۇر، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن. [سۈرە يۇسۇپ 108-ئايەت].

يەنە بىر ئايەتتە: ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ تەۋھىدىگە ۋە تائىتىگە) دەۋەت قىلغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە "مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىنمەن" دېگەن كىشىدىنمۇ ياخشى سۆزلۈك ئادەم بارمۇ؟. [سۈرە پۇسسىلەت 33-ئايەت].

ئاللاھنىڭ دېگىنىگە دەۋەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۇستىگە ئىلىش توغرىسىدا كىتاب ۋە سۈننەتتە نۇرغۇنلىغان ئايەت ھەدىسىلەر كەلگەن بولۇپ، پەيغەمبىرىمىز بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: كىمكى ھىدايەتكە چاقىرسا ئۇ ئادەمگە شۇ ھىدايەتكە ئەگەشكەن ئادەملەرنىڭ ئەجرىدىن ھېچنەرسە كېمەيتىلمەستىن ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ئەجرىگە ئوخشاش ئەجىر بولىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 2674- ھەدىس].

ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى يەر يۈزىدىكى ھەممە جانلىقلار ھەتتاكى ئۇۋىسىدىكى چۈمۈلە ۋە دېڭىزدىكى كىتمۇ كىشىلەرگە ياخشىلىقنى ئۈگەتكەنلەرگە سالام يوللايدۇ [تىرمىزى رىۋايىتى 2685-ھەدىس].

دىنى تەشۋىقات ئىلىپ بېرىشنىڭ ۋاستىلىرى ھەر تۈرلۈك بولۇپ، ھازىرقى زاماندا مەسچىتلەردە ۋەز-نەسىھەت ۋە تەبلىغ قىلىش، دەرسخانىلاردا لېكسىيە سۆزلەش، ئېنتىر تورى، مۇنبەر ۋە سۆھبەتخانىلار ئارقىلىق ئىسلامى دەۋەتنى يەتكۈزۈش، ئاللاھقا دەۋەت قىلىشنىڭ يوللىرىدۇر.

جۈملىدىن ئىسلامى مۇنبەرلەرنى تەسىس قىلىش ۋە شەخسلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ياخشىلىققا يېتەكلەش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى، ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن ئىبارەت ھەقىقەتكە چاقىرىشتا قوللىنىدىغان ۋاستىدۇر. بەلكى ئىسلامى مۇنبەرلەر جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئاقارتىش خىزمىتىدە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. بۇ خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا ئاللاھتىن بۈيۈك ئەجىر ئۈمىد قىلىنىدۇ.

ئەمما ئىسلامى مۇنبەرلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلار، مۇنبەرنىڭ خىزمەت تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىمەن دەپ، ئەھمىيەت بېرىشى ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمراق بولغان، ئائىلە ۋە پەرزەنت مەسئۇلىيىتى، شەرئى بىلىملەرنى ئۈگۈنۈش، ناماز ۋە زىكىرلار، قۇرئان كەرىم ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلاردىن غاپىل بولماسلىقى لازىم. بەزى كىشىلەر مۇنبەردىكى خىزمىتى بىلەن بولۇپ كېتىپ، مۇھىم ئىشلارنى تاشلاپ قويىدۇ. مۇنبەر خىزمىتى بىلەن ئائىلە مەسئۇلىيىتى ۋە تائەت-ئىبادەتلەرنى بىرلەشتۇرۇپ، ھەممىسىگە نورمال مۇئامىلە قىلىش ھەممىدىن ياخشىدۇر. يەنى نېمىنىڭ مۇھىم ۋە نېمىنىڭ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىش ئىنتايىن زۆرۈردۇر.

سەھەر ۋاقتىدىكى ئەڭ ئەۋزەل ئىش: ناماز ۋە قۇرئان ئوقۇش، زىكىر-تەسبىھ ئېيتىش ۋە ئىستىغپار بىلەن مەشغۇل بولۇش.

تەلىم-تەربىيە جەريانىدىكى ئەڭ ئەۋزەل ۋاقىت: تەلىم ئىلىش جەريانىدا ئۈگۈنىشگە يۈزلىنىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن بەنت بولۇش.

ۋاقىتلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى: ئارافات كۈنىدىكى ۋاقىتتۇر.

كۈنلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى: زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئونىنچى كۈنىدۇر.

رامىزان ئېيىدىكى ئەڭ ئەۋزەل ۋاقىتلار رامىزاننىڭ ئاخىرىدىكى ئون كۈندۇر. بۇ ۋاقىتلاردا ئېتىكاپتا ئولتۇرۇپ، كىشىلەرگە ئارىلاشماي زىكىر-تەسبىھ ئېيتىش ۋە قۇرئان ئوقۇش ھەتتا ئىلىم تەلەپ قىلىش قاتارلىقلار پەزىلەتلىك ئەمەللەردىن ھېسابلىنىدۇ.

سۆزىمىزنى خۇلاسىلىساق: مۇنبەرلەردە دەۋەت ئېلىپ بېرىش بولسا، ئىسلامغا دەۋەت قىلىشنىڭ بىر تۈرىدۇر ۋە ئۇنى تاشلىماستىن ئەھمىيەت بېرىش لازىم. لېكىن مۇسۇلمان ۋاقتىنى تەرتىپلىشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، دىنى تەشۋىقاتقا ۋاقىت، ناماز ئادا قىلىشقا ۋاقىت، تىجارەت ۋە كەسىپكە ۋاقىت، قۇرئان ئوقۇشقا ۋاقىت، ئائىلە ۋە پەرزەنت تەربىيىسى قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ئۆز يولىدا ۋاقىت ئاجرىتىش نەتىجىسىدە، ھەر ئىشنىڭ ھەققىنى ۋاقتىدا ۋە جايىدا ئادا قىلغان بولىمىز.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى