سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دەرىسكە قاتناشقانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يالغاندىن ئىمزا قىلدۇرسا، بۇ ئىشنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئالىدىغان ئايلىق مائاشىغا تەسىرى بولامدۇ؟

101559

تارقاتقان ۋاقىت : 20-09-2022

كۆرگۈچىلەر : 852

سۇئال

   ئۇنۋېرست ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ھەممە دەرىسلەركە ھازىر بولغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يالغان ئىمزا قىلىش ئىشلىرى ئاشكارا تارقىلىۋاتىدۇ، يەنى ئوقۇغۇچىلار دەرىسكە قاتناشماي، قاتناشتى دەپ ئىمزا قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ چەكلەنگەن يالغاننىڭ قاتارىغا كىرەمدۇ؟ مۇشۇ شەكىلدە ئوقۇش پۈتتۈرسە كېيىن ئالغان ئايلىق ئىش ھەققى ھارام بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.  

    ھەقىقەتەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىسكە قاتناشماي ساۋاقداشلىرى ئارقىلىق قاتناشقانلىقنى بىلدۈرۈپ ئىمزا قىلدۇرۇشى يالغانچىلىق، كۆز بويامچىلىق ۋە ئامانەتكە خىيانەت قىلىشنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، بۇ تۈردىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر.

    ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «راستچىللىقنى لازىم تۇتۇڭلار، ھەقىقەتەن راستچىللىق ياخشىلىققا يېتەكلەيدۇ، ياخشىلىق جەننەتكە باشلايدۇ، ئىنسان دائىم راست سۆزلىسە ۋە راست سۆزنى تاللىسا ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا راستچىل دەپ يېزىلىدۇ، يالغانچىلىقتىن ساقلىنىڭلار، ھەقىقەتەن يالغانچىلىق پىسقى-پۇجۇرغا يېتەكلەيدۇ، پىسقى-پۇجۇر بولسا جەھەننەمگە باشلايدۇ، ئىنسان دائىم يالغان سۆزلەپ يالغان سۆزنى تاللايدىكەن، ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا يالغانچى دەپ يېزىلىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 5743-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2607-ھەدىس].

    ئەگەر دەرىسكە ھازىر بولغانغا دەرىجە بېرىلىدىغان، بۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىپلۇمىغا يېزىلىدىغان شۇنىڭغا ئاساسەن ئۇتۇق قازاندى ياكى قازىنالمىدى دېگەنلىك ۋە ئوقۇغۇچى ئېرىشىدىغان بەلگىلىمە ھاسىل بولىدىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا دەرىجىدىن ۋە بەلگىلىمىدىن ئۆزى ھەقلىق بولمىغاننى ئىلىپ خىزمەتكە چىققان بولىدۇ، بۇ بەك خەتەرلىك، چۈنكى باتىلغا قۇرۇلغان ئىش دېگەن باتىل بولىدۇ، ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ دەرىسكە قاتناشمىغانلىقى ئۇنى يۇقىرى سالاھىيەتكە ئىگە قىلالمايدۇ، ئېرىشىدىغان خىزمەتنى مۇشۇ بەلگىلىمىگە مۇۋاپىق كەلسە بېرىدۇ، ئۇ توغرا بولمىغان يول ئارقىلىق خىزمەتكە ئېرىشكەن بولىدۇ. بۇ ھەقتە 6418- ۋە3481- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارغا يوقلىمىغا ھازىر بولۇشتا راستچىللىقنى تاللاشنى يالغاننى، ساختىلىقنى  تەرك ئېتىشنى، گۇناھدىن يىراق بولۇشنى چەكلەنگەن يوللار ئارقىلىق خىزمەتكە ئېرىشىشتىن ھەزەر قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. چەكلەنگەن ئىشلارغا يېقىنلىشىش ئارقىلىق ساختىلىق قىلىشقا يول يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى