جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

شەئبان ئېيىنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا رامىزاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتۇش توغرىسىدا

سۇئال

مېنىڭ ھامىلدارلىق ۋە تۇغۇت ۋاقتىم رامىزاندا بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن رامىزان روزىسىدىن بەزى كۈلەرنى تۇتالمىغان ئىدىم. ئاللاھ تائالانىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن يەتتە كۈنلۈك روزامدىن باشقا روزىلىرىمنىڭ قازاسىنى قىلىۋالدىم، يەتتە كۈنلۈك روزىنىڭ ئۈچ كۈنىنى شەئباننىڭ كىيىنكى يېرىمى كىرگەندىن كىيىن تۇتقان، قالغان تۆت كۈننىڭ روزىسىنىمۇ رامىزان كىرىشتىن بۇرۇن تولۇقلاشنى مەقسەت قىلىمەن. سىلەرنىڭ تور بېكىتىڭلاردىن: شەئبان ئېيىنىڭ كىيىنكى يېرىمى كىرگەندىن كىيىن دائىم روزا تۇتۇپ ئادەتلەنمىگەن كىشىدىن باشقىلارنىڭ روزا تۇتۇشى توغرا بولمايدۇ دېگەن مەزمۇندىكى پەتىۋانى كۆردۈم. مەن قالغان تۆت كۈنلۈك روزىنى رامىزان كىرىشتىن بۇرۇن تۇتسام بولامدۇ؟، ئەگەر توغرا بولمىسا، تۇتقان ئۈچ كۈنلۈك روزا قانداق بولىدۇ؟ ئۇنىمۇ قايتىدىن تۇتىمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە: شەبان ئېيى ئوتتۇرىلاشقاندا (ئون بەش بولغاندىن كىيىن) روزا تۇتماڭلار، دېگەن. [بۇ ھەدىسنى: ئەبۇ داۋۇد 3237-ھەدىستە، ئىبنى ماجە738-ھەدىستە رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ تىرمىزىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن].

ھەدىستە بايان قىلىنغان چەكلىمىدىن تۆۋەندىكى ئىشلار ئايرىۋېلىنىدۇ:

1- ھەپتىنىڭ دۈشەنبە-پەيشەنبە كۈنلىرى روزا تۇتۇشنى ئادەت قىلغان كىشى بولسا، شەئبان ئېيى ئوتتۇرلاشقاندىن كېيىنمۇ ئادىتى بويىچە دۈشەنبە-پەيشەنبە كۈنلىرى روزا تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: رامزاندىن بىر كۈن ياكى ئىككى كۈن بۇرۇن روزا تۇتۇۋالماڭلار، ئەمما ھەپتىنىڭ بۇ كۈنلىرىدە روزا تۇتۇپ ئادەتلەنگەن كىشى روزا تۇتسا بولىدۇ، دېگەن ھەدىستۇر. [بۇخارى رىۋايىتى 1914-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1082-ھەدىس].

2- شەئبان ئېيىنىڭ ئەۋۋىلىدە روزا تۇتۇشنى باشلىغان كىشى بولسا شەئبان ئېيىنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا روزا تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ. يەنى بۇ شەكىلدە روزا تۇتۇش چەكلەنمەيدۇ. بۇنىڭ دەلىلى: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شەئبان ئېيىدا تولۇق دېگۈدەك روزا تۇتاتتى، دېگەن. [بۇخارىې رىۋايىتى 1970-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1156-ھەدىس].

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شەئبان ئېيىدا تولۇق دېگۈدەك روزا تۇتاتتى دېگەن سۆزى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شەئبان ئېيىنىڭ كۆپ ۋاقتىدا روزا تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ".

بۇ ھەدىس شەئبان ئېيىنىڭ ئەۋۋىلىدە روزا تۇتقان كىشىنىڭ كىيىنكى يىرىمىدىمۇ روزا تۇتسا دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ".

3-شەئباننىڭ كىيىنكى يىرىمىدا رامزاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتقۇچىلار بۇ چەكلىمىگە كىرمەيدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئەلمەجمۇ" ناملىق ئەسىرى 6-توم 399-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "بىزنىڭ ھەمراھلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بىردەك: رامىزانمۇ ياكى شەئبانمۇ دەپ شەك قىلغان كۈندە روزا تۇتۇش دۇرۇس بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمما قازا روزا ياكى نەزىر قىلغان روزا ياكى كاپارەت ئۈچۈن تۇتىدىغان روزا بولسا، بۇ كۈندە تۇتسا دۇرۇس بولىدۇ دەپ قارايدۇ. مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن نەپلە روزا تۇتۇش دۇرۇس بولغاندا، پەرز روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇش ئەلۋەتتە دۇرۇس بولىدۇ. رامزاننىڭ قازا روزىسىنىڭ تۇتۇش ۋاقتىنىڭ قىسىلىشى سەۋەبلىك بۇ كۈندە قازا روزا تۇتسا دۇرۇس بولىدۇ".

شەك كۈن دېگەن: شەئبان ئېيىنىڭ 30-كۈنى بولۇپ، بۇ كۈنى كەچتەھاۋا تۇتۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇش سەۋەبلىك ئاي كۆرۈلمىگەن بولسا، بۇ كۈن شەك كۈن دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى بۇ شەباننىڭ ئاخىرىقى كۈنىمۇ ياكى رامزاننىڭ ئاۋۋالقى كۈنىمۇ دەپ، ئاينىڭ ئېنىقلىقىدا شەك قىلىنغان كۈندۇر.

سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: شەئبان ئېيىنىڭ كىيىنكى يېرىمى كىرگەندىن كېيىنمۇ رامزاننىڭ قازا روزىسى بولسا تۇتسا بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شەباننىڭ كىيىنكى يېرىمى كىرگەندە روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەن ھەدىسى بۇنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

سىزنىڭ تۇتقان ئۈچ كۈنلۈك روزىڭىز توغرا بولۇپ، قالغان تۆت كۈنلۈك قازا روزىنىمۇ رامىزان كىرىشتىن ئىلگىرى تۇتسىڭىز بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى