سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

بۆرەك كېسىلى بولغان كىشى قانداق روزا تۇتىدۇ؟

سۇئال

بۆرەك كېسىلى بولۇپ، ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم بۆرىكىنى يۇدۇرۇپ تۇرىدىغان كىشى قانداق روزا تۇتىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

بۇ ھەقتە سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتىدىن، روزىدار كىشى رامىزاندا بۆرىكىنى يۇدۇرسا بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "بىز پادىشاھ پايسال دوختۇرخانىسى ۋە قوراللىق قىسىم ھەربى دوختۇرخانىسى باشلىقلىرىغا: بۆرەك يۇيۇش ئەھۋالى، بۇنىڭغا ئارىلاشتۇرۇلىدىغان خىمىيىلىك ماددىلار، شۇنداقلا قۇۋۋەت بولىدىغان يىمەكلىك ماددىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟ دېگەن مەزمۇندا ئۇچۇر يوللىغان ئىدۇق، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەردى: بۆرەكنى يۇيۇش دېگەنلىك: بۆرەكتىكى كېسەل قاننى سۈنئى بۆرەككە چىقىرىپ، قاننى تازىلاپ يەنە قايتىدىن بۆرەككە قايتۇرۇش بولۇپ، تازىلانغان قانغا خىمىيىلىك ماددىلار، شېكەر ۋە تۇز ماددىلىرى قېتىلىدۇ.

دائىمىي كومىتېت ئالىملىرى مەخسۇس خادىملار بىلەن بىرلىكتە بۆرەك يۇيۇش ئەھۋالىنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، يۇقىرىقى شەكىلدە بۆرەك يۇيۇشنىڭ روزىنى بۇزىدىغانلىقىغا پەتىۋا بەردى. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىيى رەھىمەھۇللاھتىن بۆرىكىنى يۇدۇرىدىغان كىشىدىن بۆرەك يۇيۇش جەريانىدا قان چىقسا تەرىتى بۇزۇلامدۇ؟، ئۇ كىشى بۆرەك يۇيۇش جەريانىدا روزىدار بولسا قانداق بولىدۇ؟، ناماز ۋاقتى بولۇپ قالسا قانداق قىلىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالارنىڭ كۈچلۈك قارىشى بويىچە بەدەندىن چىققان نەرسە بىلەن تاھارەت بۇزۇلمايدۇ، پەقەت ئالدى-ئارقا تەرەپتىن چىققان نەرسىلەر بىلەن مەيلى چوڭ-كىچىك تەرەت بولسۇن ياكى يەل چىقسۇن ئوخشاشلا تاھارەت بۇزۇلىدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن ئۇ كىشىنىڭ تاھارىتى بۇزۇلمايدۇ.

ئەمما ئىككى يولنىڭ غەيرىدە چىققان نەرسىلەر بىلەن مەسىلەن: بۇرنى قاناش، جاراھەتتىن قان چىقىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن تاھارەت بۇزۇلمايدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن بۆرەكنى يۇدۇرۇش بىلەن تاھارەت بۇزۇلمايدۇ.

ناماز مەسىلىسىگە كەلسەك، كېسەل كىشىنىڭ پېشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇشى مۇمكىن بولىدۇ، پېشىن بىلەن ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن بۇ ئىشنى بىۋاستە مەسئۇل دوختۇر بىلەن سۆزلىشىپ، ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك، چۈنكى بۆرەك يۇيۇش ۋاقتى يىرىم كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، مەسىلەن بۆرەك يۇيۇش ۋاقتىنى كۈن ئىگىلىگەندىن كېيىن پېشىن بىلەن ئەسىرنى بىرگە ئوقۇغۇدەك ۋاقىتقا كېچىكتۈرۈپ ياكى ئەسىرنىڭ ۋاقتى چىقىپ كېتىشىدىن بۇرۇن ئىككى نامازنى بىرگە ئوقۇغۇدەك ۋاقىت قالدۇرۇپ قىلىش كېرەك. مۇھىمى، نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتمەستىن بىرگە ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەقتە مەسئۇل دوختۇر بىلەن بىۋاستە سۆزلىشىش كېرەك.

روزا مەسىلىسىگە كەلسەك، مەن بۇنىڭدا ئىككىلىنىپ قالىمەن، بەزى ۋاقىتتا دەيمەنكى، بۇ ھىجامىگە (يەنى قان ئالدۇرۇشقا) ئوخشىمايدۇ، قان ئالدۇرغاندا، بەدەندىن قاننى ئالىدۇ كېيىن ئۇنى بەدەنگە قايتۇرمايدۇ. ھەدىسنىڭ ھۆكمى بويىچە قان ئالدۇرۇشمۇ روزىنى بۇزىدۇ. بۆرەكنى يۇغاندا، بەدەندىن قاننى ئىلىپ تازىلىغاندىن كىيىن يەنە بەدەنگە قايتۇرىدۇ، لېكىن مەن بۆرەك يۇيۇش ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان ماددىلار ئارىلاشتۇرامدىكى دەپ ئەنسىرەيمەن، ئەگەر شۇنداق ماددىلار ئارىلاشتۇرۇلسا، ئۇ كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۆرەك كېسىلى بولغان ئادەم دائىم شۇنداق بولسا ئۇ خۇددى ساقىيىشىدىن ئۈمىد قىلىنمايدىغان كېسەلگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇ كىشى ھەر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە يىمەكلىك بېرىدۇ.

ئەمما بەزى ۋاقىتتا قان تازىلىتىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئۇنىڭ ساقىيىشىدىن ئۈمىد بولسا، بۆرەكنى يۇدۇرغان ۋاقىتتا روزىسى بۇزۇلىدۇ، كېيىن شۇ كۈننىڭ قازاسىنى قىلىۋالىدۇ.

قان تازىلاتقاندا قانغا ئارىلاشتۇرۇلغان شېكەر ۋە تۇز ماددىلىرى بەدەنگە ئوزۇقلۇق بولماستىن بەلكى قاننى ساپلاشتۇرىدىغا خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولسا، ئۇ ۋاقىتتا كېسەلنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ، روزىدارلىق ھالەتتىمۇ بۆرەكنى يۇدۇرسا دۇرۇس بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى بۇ ئىشنى مۇناسىۋەتلىك دوختۇرلارغا مۇراجىئەت قىلىپ بىلىش كېرەك. ["ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى 20-توم 113-بەت"].

سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: بۆرەك كېسىلى بولغان كىشى بۆرىكىنى يۇدۇرغان كۈنلەردە روزا تۇتمايدۇ، بىرئاز ياخشى بولغاندىن كېيىن تۇتالمىغان كۈنلەردىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ، ئەگەر ياشىنىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا قادىر بولالمىسا، ھەر بىر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە يىمەكلىك بېرىدۇ.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى