شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

قورسىقىدىكى ئاغرىقتىن قىينالغانلىق توغرىسىدا

سۇئال

 مېنىڭ ئاشقازىنىمدا مەسىلە بولۇپ روزا تۇتۇشتىن چەكلەپ قويىدۇ، رامزاندا ھەر بىر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن كەمبەغەللەرگە يېمەك بېرىش ئۈچۈن مال بەردىم، بۇ يەردە مېنىڭ قىلىدىغان بۇنىڭدىن باشقا ئىشىم بارمۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ئەگەر سىزدىكى كېسەللىك سىزنى روزا تۇتۇشتىن چەكلەپ قويسا، ئۇنىڭدىن ساقىيىش ئۈمىدى بولمىسا، سىزنىڭ قىلغان ئىشىڭىز توغرا بولاپتۇ، چۈنكى ساقىيشىدىن ئۈمىت بولمىغان كېسەل ھەر بىر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر مىسكىنگە يېمەك بېرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئىش يوق.

ئەمما كېسەلنىڭ ساقىيشىدىن ئۈمىت بولسا، سىز ساقايغاندا روزا تۇتالمىغان كۈنلەردىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىسىز، سىز روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا قادىر بولغان ئەھۋالدا كەمبەغەلگە يېمەك بېرىشىڭىز توغرا بولمايدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى