جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

رامىزاندا تومۇردىن ئوكۇل ئۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قالسا بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولامدۇ؟

سۇئال

بىر دوستۇم راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان  بولۇپ، رامىزاندىمۇ داۋالىنىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى، خىمىيىلىك ئۇسۇللار بىلەن ئېرىتىلگەن بىر قانچە خىل ماددىلارنى ئوكۇل ئارقىلىق تومۇردىن ماڭدۇرىدىكەن، يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا ئۇنىڭ روزىسى توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە سەھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

رامىزاننىڭ كۈندۈزدە ئوكۇل سالدۇرۇش تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرىنچى: ئوكۇل يىمەك-ئېچمەكنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان قۇۋۋەت ئوكۇلى بولۇپ، بۇ تۈردىكى ئوكۇللار روزىنى بۇزىدۇ، چۈنكى ئۇ يېمەك-ئېچمەكنىڭ ئورنىدا بولىدۇ.

ئىككىنچى: ئوكۇل قۇۋۋەت ئوكۇلى بولمىسا بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ ۋە روزىغا ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ. بۇ ئوكۇلنى تومۇرغا ماڭدۇرسىمۇ ياكى موسكۇلغا ئۇرسىمۇ پەرقى يوق. مۇمكىن بولسا روزا تۇتقۇچى ئىھتىيات يۈزىسىدىن ئوكۇلنى كېچىدە سالدۇرسا ياخشى بولىدۇ.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن (15/257) رامىزان ئېيىنىڭ كۈندۈزىدە روزىدار تومۇرغا ياكى مۇسكۇلغا ئوكۇل سالدۇرسا قانداق بولىدۇ؟، بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزىلامدۇ؟ ئۇ كۈندىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېركمۇ؟ ياكى قازاسىنى قىلمىسىمۇ بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "مەزكۇر ئوكۇل يېمەك-ئىچمەك جىنسىدىن بولغان قۇۋۋەت ئوكۇلى بولمىسىلا، ئۇ كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ. شۇنىڭدەكموسكۇلغا سالدۇرغان ئوكۇل بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ، لىكىن ئىختىلاپتىن ساقلىنىپ، مۇمكىن بولسا ئوكۇلنى ئىپتاردىن كىيىن سالدۇرسا، ئىھتىيات جەھەتتىن ياخشى بولىدۇ".

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە موسكۇلغا ياكى تومۇرغا ياكى كاسىغا ئوكۇل سالدۇرۇش توغرىسىدا سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بىرىپ مۇنداق دەيدۇ: "تومۇرغا، مۇسكۇلغا ۋە كاسىغا ئوكۇل سالدۇرسا ھېچ گەپ يوق، بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ، بۇ روزىنى بۇزىدىغانئامىللاردىن ئەمەس، يىمەك-ئېچمەك ۋە ياكى يىمەك-ئېچمەكنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان نەرسىلەردىنمۇ ئەمەس. بىز ئىلگىرى بايان قىلنغىنىمىزدەك بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولمايدۇ. روزىغا تەسىر قىلىدىغان ئوكۇل يىمەك-ئېچمەكنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان قۇۋۋەت ئوكۇلى بولىشى شەرت قىلىنىدۇ." [رامىزان پەتىۋالىرى 220-بەت].

دائىمى كومېتىتى ئەزالىرىدىن: (10/252) رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە قۇۋۋەت ئوكۇلى ياكى داۋالاش ئوكۇلى سالدۇرۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "روزىدار رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە تومۇرغا ياكى موسكۇلغا ئوكۇل ئۇدۇرۇپ داۋالانسا دۇرۇس بولىدۇ. ئەمما رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە قۇۋۋەت ئوكۇلى سالدۇرسا دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئوكۇل يىمەك-ئېچمەكنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ، رامىزاندا بۇ تۈردىكى ئوكۇللارنى سالدۇرۇش ھېلە ئىشلىتىپ ئېغىز ئاچقاننىڭ ئورنىدا بولىدۇ. مۇمكىن بولسا تومۇرغا ۋە مۇسكۇلغا سالدۇرىدىغان ئوكۇلنى كېچىدە سالدۇرسا ياخشى بولىدۇ".

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى