جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

تاڭ يورىمىدى دەپ ئويلاپ ئەزاندىن كېيىن ئۇسسۇزلۇق ئىچكەن كىشى توغرىسىدا

سۇئال

ئۇخلاپ قىلىپ ئەزاننى ئاڭلىماپتىمەن، سائەتنىڭ ئۇيغۇتۇش ۋاقتى خاتا بولۇپ قاپتۇ، مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ بىر ئىستاكان سۇ ئىچىشىمگە نامازغا تەكبىر ئېيتىلدى، بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قېلىشىم كېرەك؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئۆلىمالارنىڭ توغرا قارىشىدا،بىر كىشى تاڭ يورىمىدى دەپ ئويلاپ بىر نەرسە يېگەن بولسا، ئاندىن تاڭنىڭ يورىغانلىقى ئاشكارا بولغان بولسا، ئۇ كىشىگە ھېچ نېمە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ۋاقىتنى بىلمەسلىك بىلەن ئۈزۈرلۈك بولدى.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:"روزا تۇتقۇچى بىلمەسلىكتىن روزىنى بۇزىدىغان نەرسىلەردىن ئىستىمال قىلغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ، ئۇ كىشى ۋاقىتنى بىلمىگەن بولسۇن ياكى ھۆكۈمنى بىلمىگەن بولسۇن بۇنىڭ ھېچ پەرقى يوق، ۋاقىتنى بىلمىگەن كىشىنىڭ مىسالى:بىر كىشى كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئورنىدىن تۇردى ۋە تاڭ يورىمىدى دەپ ئويلاپ بىر نەرسە يىدى ۋە ئىچتى ۋە تاڭنىڭ يورىغانلىقى ئاشكارا بولدى، بۇ كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ، چۈنكى ئۇكىشى ۋاقىتنى بىلمىگەن.

ھۆكۈمنى بىلمىگەن كىشىنىڭ مىسالى:روزا تۇتۇپ ھىجامە قىلدۇرغان بولسا، ھىجامىنىڭ روزىنى بۇزىۋىتىدىغانلىقىنى بىلمىگەن بولسا، ئۇ كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ، دەيمىز. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدىكى بۇ ئايىتىدۇر:رَبَّنَا وَلَا تَحْمِلْ عَلَيْنَا إِصْرًا كَمَا حَمَلْتَهُ عَلَى الَّذِينَ مِن قَبْلِنَا ۚ رَبَّنَا وَلَا تُحَمِّلْنَا مَا لَا طَاقَةَ لَنَا بِهِ ۖ وَاعْفُ عَنَّا وَاغْفِرْ لَنَا وَارْحَمْنَا ۚ أَنتَ مَوْلَانَا فَانصُرْنَا عَلَى الْقَوْمِ الْكَافِرِينَتەرجىمىسى:(ئۇلار)پەرۋەردىگارىمىز!ئەگەربىزئۇنۇتساق ياكى خاتالاشساق (بىزئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىكتىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق)،بىزنى جازاغا تارتمىغىن. پەرۋەردىگارىمىز!بىزدىن ئىلگىرىكىلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش بىزگە ئېغىر يۈك يۈكلىمىگىن(بىزنى قىيىن ئىشلارغاتەكلىپ قىلمىغىن)،پەرۋەردىگارىمىز!كۈچىمىز يەتمەيدىغان نەرسىنى بىزگە ئارتمىغىن، بىزنى كەچۈرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن، دەيدۇ . [سۈرەبەقەرە 286-ئايەت].

ھەدىستىن بولغان دەلىلى: ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىستە، ئەسما بىنتى ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇئەنھا مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە بىر قېتىمھاۋا تۇتۇق بولۇپ بىز ئىپتار قىلىپ بولغاندىن كىيىن ھاۋا ئېچىلىپ قۇياش ئاشكارا بولغان ئىدى،ئۇلار كۈن ئولتۇرۇپ بولدى دەپ ئويلاپ بىلمەسلىكتىن كۈندۈزدە ئىپتار قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇشقا بۇيرۇمىدى، ئەگەر قازاسىنى قىلىش پەرز بولغان بولسا ئېدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنى شۇ كۈننىڭ روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرۇتتى، ئەگەر بۇيرىغان بولسا ئەلۋەتتە ئۇ خەۋەر بىزگە نەقل قىلىنغان بولاتتى. ["پەتىۋالار توپلىمى 19-توم 38543-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى