جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

رامىزاندا بىھۇش بولۇپ قالغان كىشى توغرىسىدا

سۇئال

رامىزان كىرگەندە ماشىنا ھادىسىسى سەۋەبىدىن ھوشسىز ياتقان كىشى يىگىرمە ئىككى كۈندىن كېيىن ھوشىغا كەلگەن بولسا قانداق قىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىز بۇ سوئالنى ھۆرمەتلىك ئۇستاز ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھغا سۇنغان ئىدۇق، شەيخ مۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەن: "كۈچلۈك قاراشتا كېسەللىك ياكى باشقا سەۋەپلەر بىلەن ھوشىدىن كېتىپ ئەقلىنى يوقاتقان كىشىدىن ھوشىغا كېلىپ بولغىچە نامازغا نىسبەتەن نامازنىڭ پەرزلىكى ساقىت بولىدۇ. ئەمما روزىغا نىسبەتەن ئۇ كىشى ھوشىدىن كەتكەن كۈنلەردە تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ.

ناماز بىلەن روزىنىڭ ئارىسىدىكى پەرق بولسا، ناماز كۈندە تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆتۈپ كەتكەن نامازنىڭ قازاسىنى قىلماستىن كىلىدىغان كۈنلەردە نامازنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەمما روزا بولسا تەكرارلانمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەيزدار ئايالمۇ نامازنىڭ قازاسىنى قىلماي روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ".

مەنبە: [ئايلىق ئۇچرىشىش 17-سان]