پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

سالىھ دوست-بۇرادەرلەردىن ئايرىلغاندا ئىماننىڭ ناقىسلىقىنى ھېس قىلىش توغرىسىدا

تارقاتقان ۋاقىت : 17-03-2020

كۆرگۈچىلەر : 4112

سۇئال

بىر ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن باشلاپ ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن دىندا مۇستەھكەم تۇرۇۋاتىمەن، بەزى سالىھ دوست-بۇرادەرلىرىم بىلەن بىرگە تۇرغان ۋاقىتلىرىمدا، ئىمانىمنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن، خىزمەت ياكى باشقا ئىشلار سەۋەبىدىن ئۇلاردىن ئايرىلغان ۋاقىتلاردا ئىمانىمنىڭ ئاجىزلاۋاتقانلىقىنى سىزىمەن، بۇ ھەقتە ماڭا توغرا يول كۆرسەتكەن بولساڭلار؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگار بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

سىزنى دائىم سالىھ كىشىلەر بىلەن ھەم-سۆھبەت بولۇشقا تەۋسىيە قىلىمىز. خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇلاردىن ئايرىلغان ۋاقتىڭىزدا ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭ، ئاللاھ تائالانىڭ دائىم سىزنى كۈزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ، ئاللاھ بارلىق نەرسىلەردىن بۈيۈكتۇر ۋە قورقۇشقا ئەڭ ھەقلىق زاتتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ اللَّـهَ كَانَ عَلَيْكُمْ رَقِيبًاتەرجىمىسى: ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى (يەنى پۈتۈن ئەھۋالىڭلارنى) كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر [سۈرە نىسا 1-ئايەت].

يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: الَّذِي يَرَاكَ حِينَ تَقُومُ ، وَتَقَلُّبَكَ فِي السَّاجِدِينَتەرجىمىسى: ئاللاھ سېنى (نامازغا) قوپقىنىڭدا كۆرۈپ تۇرىدۇ ، ناماز ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى (سەجدىگە بارغانلىق، رۇكۇغا تۇرغانلىق ۋە قىيامدا تۇرغانلىق) ھەرىكىتىڭنى كۆرۈپ تۇرىدۇ [سۈرە شۇئەرا 218-219-ئايەتلەر].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:لَا تَحْزَنْ إِنَّ اللَّـهَ مَعَنَاتەرجىمىسى: (رەسۇلۇللاھ) ھەمراھىغا: غەم قىلمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بىز بىلەن بىللە دەيتتى.

ئۇلۇغ ئاللاھ تائالادىن قورقۇڭ ۋە ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلىڭ، ئاللاھ ھەر ۋاقىت سىزنى كۈزىتىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۆزىڭىزنىڭ دائىم ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە ھىمايىسى ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىڭىزنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ. ئاللاھ تائالا سىزنى ئۆزىگە ئىتائەت قىلغان ياكى ئاسىيلىق قىلغاندا بىردەك كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھەزەر قىلىڭ. ئاللاھ تائالا ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنى سادىر قىلىشتىن ساقلىنىڭ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: وَيُحَذِّرُكُمُ اللَّـهُ نَفْسَهُۗ وَاللَّـهُ رَءُوفٌ بِالْعِبَادِ تەرجىمىسى: ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە مېھرىباندۇر [سۈرە ئال-ئىمران 30-ئايەت].

يەنە بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:وَإِيَّايَ فَارْهَبُونِتەرجىمىسى: مەندىنلا قورقۇڭلار [سۈرە بەقەرە 40-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

سىز يالغۇز ياكى دوستلىرىڭىز بىلەن بىرگە بولۇڭ دائىم ئاللاھنىڭ دىنىدا مۇستەھكەم تۇرۇشىڭىز ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىڭىزدە راستچىللىقىڭىزنىڭ دەلىلىدۇر.

قېرىندىشىم! ئاللاھ تائالاغا سەمىمى بولۇڭ، سىزقەيەردە بولىشىڭىزدىن قەتئىي نەزەر ئاللاھ تائالا كۆرىدىغان ۋە ئاڭلايدىغان جايدا بولىسىز، ئاللاھ تائالا سىزنىڭ سۆزىڭىزنى ئاڭلايدۇ، قىلغان ئىش-ھەرىكەتلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. سىز ئائىلە، دوست-بۇرادەر ۋە باشقىلاردىنمۇ بەكرەك، يەككە-يېگانە قۇدرەتلىك ئاللاھ تائالادىن ھايا قىلىشىڭىز مۇھىمدۇر.

مەنبە: پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى بازنىڭ: تۈرلۈك ماقالىلار ۋە پەتىۋالار توپلىمى ناملىق ئەسىرى 9-توم 39-بەتتىن ئىلىندى