جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

مىنادا تۇرۇۋاتقان كېچىلەرنىڭ بىرىدە ئانانىزم قىلىپ سالدى

تارقاتقان ۋاقىت : 03-10-2014

كۆرگۈچىلەر : 4675

سۇئال

دىنى قارىشى ئاجىز بىر كىشى ھەج پائالىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا مىنادىكى كېچىلەرنىڭ بىرىدە ئانانىزم قىلىپ سالدى (يەنى قول بىلەن لەززەتلەندى) بۇ ئىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئۆز ۋەتىنى، ئەھلى-ئەۋلادلىرىدىن ئايرىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى ۋە جىسمى بىلەن ئاللاھ تائالا ئىسلامنىڭ بەش ئاساسىنىڭ بىرى قىلغان ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ھاجىلارنىڭبىرىدىن ئۆز رەببىگە ئاسىيلىق قىلغانلىقىنى ئاڭلىسا ھەيران قالىدۇ، بولۇپمۇ بۇ خاتالىقنىڭ مۇقەددەس ئورۇنلاردا، بەلكى ھەرەم دائىرىسىدە يۈز بېرىشى كىشىنى ئويغا سالىدۇ. مىنامۇ مۇقەددەس ئورۇنلاردىن ۋە ھەرەم دائىرىسىنىڭ ئىچىدىن ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى (329 ) سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان.

ئانانىزم قىلىش ھارام بولۇپ، زامان ۋە ماكاننىڭ پەزىلەتتە بۈيۈكلىكى بىلەن، ئۇ ئورۇندا ئىشلەنگەن جىنايەتنىڭگۇناھىمۇ ئېغىر بولىدۇ. بۇ خاتالىق ياكى جىنايەت ھەرەم دائىرىسىدە، پەزىلەتلىك زامانلاردا مۇقەددەس ئورۇنلاردا يەنى ئاللاھ تائالا ياد ئېتىلىنىدىغان ھەج ۋە تەشرىق كۈنلىرىدە بولدى.

ھەج پائالىيەت جەريانىدا سادىر بولغان خاتالىق ھەجنىڭ ساۋابنى كېمەيتىۋېتىدۇ.

ئالىملار تولۇق ئادا قىلىنغان ھەج توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ساغلام ئادا قىلىنغان ھەج، ھېچقانداق گۇناھ-مەسىيەت ئارىلاشمىغان ھەجدىن ئىبارەتتۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:ھەج قىلىش جەريانىدا ناچار سۆز-ھەرىكەت، پىسق-پۇجۇردىن ساقلانغان كىشى ئانىدىن يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقتەك گۇناھدىن پاك قايتىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى1521-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1350].

بۇ سوئالنى سورىغان كىشى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىپ، ئىستىغپار ئېيتىپ، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىشى، ئىككىنچى بۇنداق ئىشقا قەدەم باسماسلىق ئىرادىسىگە كېلىپ، تائەت-ئىبادەتكە ئەھمىيەت بەرگەن ھالدا، ئاللاھ تائالادىن قىلغان ئەمەللىرىنىڭ قوبۇل بولىشىنى تىلەپ دۇئا قىلسۇن.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەرقانداق گۇناھ-مەسىيەت ھەجنىڭ ساۋابنى كېمەيتىۋېتىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:فَمَن فَرَضَ فِيهِنَّ الْحَجَّ فَلَا رَفَثَ وَلَا فُسُوقَ وَلَا جِدَالَ فِي الْحَجِّتەرجىمىسى: ھەج قىلىشنى نىيەت قىلغان (يەنى ئېھرام باغلىغان) ئادەمنىڭ جىنسىي ئالاقە قىلىشى، گۇناھ قىلىشى ۋە جاڭجال قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ، بەقەرە سۈرىسى 197-ئايەت.

بەزى ئالىملار:" ھەج پائالىيىتى ئارىسىدا سادىر بولغان خاتالىقلار ھەجنى بىكار قىلىۋېتىدۇ، چۈنكى ھەجدە گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلىش چەكلىنىدۇ، دەيدۇ. ئەمما كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا تونۇشلۇق بولغان قائىدىگە ئاساسەن چەكلەنگەن ئىش ئىبادەتكە خاس بولمىغاندا ئىبادەتنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ، ئۇ كىشىدىن سادىر بولغان خاتالىق ئېھرامغا خاس ئەمەس، بەلكى ئۇ ئىش ئېھرامدا ۋە ئېھرامدىن چىققان ۋاقىتلاردىمۇ ئوخشاش چەكلىنىدۇ. بۇ قاراشتوغرا بولۇپ، بۇ خاتالىق ھەجنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ، ئەمما ھەجنىڭ ساۋابنى كېمەيتىۋېتىدۇ. تۈگىدى. [ئىسلام ئاساسى پەتىۋالىرى ناملىق ئەسەر571-بەت].

شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللادىن: بىر كىشى ھەجگە ئېھرام كىيىپ ئەرەپاتقا چىقىشتىن ئىلگىرى ئانانىزم قىلغان بولسا؟ قانداق بولىدۇ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئالىملارنىڭ توغرا قاراشلىرىدا قىلغان ھەججى توغرا بولىدۇ، سىز تىزدىن قىلمىشىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتىڭ. چۈنكى ئانانىزم قىلىش ھەجدە ياكى باشقا ۋاقىتلاردا ئوخشاشلا ھارامدۇر. چۈنكى بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:وَالَّذِينَ هُمْ لِفُرُوجِهِمْ حَافِظُونَ . إِلَّا عَلَىٰ أَزْوَاجِهِمْ أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُمْ فَإِنَّهُمْ غَيْرُ مَلُومِينَ . فَمَنِ ابْتَغَىٰ وَرَاءَ ذَٰلِكَ فَأُولَـٰئِكَ هُمُ الْعَادُونَ تەرجىمىسى: ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچىلاردۇر. (يەنى ئەۋرەتلىرىنى) پەقەت خوتۇنلىرىدىن، چۆرىلىرىدىن باشقىلاردىن ساقلىغۇچىلاردۇر (بۇلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغۇچىلار مالامەت قىلىنمايدۇ). بۇنىڭ سىرتىدىن جىنسىي تەلەپنى قاندۇرۇشنى تەلەپ قىلغۇچىلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر. [سۈرە مۆمىنۇن 5-6- 7-ئايەتلەر].

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: [ئايلىق ئۇچرىشىش 17-سان]