چارشەنبە 11 مۇھەررەم 1446 - 17 ئىيۇل 2024
Uygur

جەڭ ماھارەت مەشقاۋۇلى بولۇپ ئىشلەشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

   مەن مۇئايتاي ئويۇنى ئويناشنى ياخشى كۆرىمەن، ئومۇمەن جەڭ ماھارىتىنى ياخشى كۆرىمەن، ئوقۇشۇم ئاخىرلاشقاندا جەڭ ماھارىتى ئۆگىتىدىغان مەشقاۋۇل بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن، لېكىن مەن مەشقاۋۇل بولسام مەن تەربىيىلىگەن ئوقۇغۇچىلىرىمنى تۈرلۈك مۇسابىقىلەرگە كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىنىدۇ، بۇ توغرىدىكى پەتىۋالارغا قارىسام بۇ توغرا بولمايدىكەن، چۈنكى بۇنىڭدا قارشى تەرەپنىڭ يۈزىگە ئۇرۇش بولىدۇ، شەرىئەت بۇنىڭدىن چەكلىگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ جەڭ ماھارىتى ئۆگىتىدىغان مەشقاۋۇل بۇلىشىم توغرىمۇ ياكى توغرا ئەمەسمۇ؟، ئەگەر مەشقاۋۇل بولسا، مەندىن تەلىم ئالغىلى كەلگەن بىرىگە: مەن سىزنىڭ مۇسابىقىغە چۈشىشىڭىزگە رۇخسەت قىلمايمەن دېسەم گۇناھكار بولىمەنمۇ؟.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: جەڭ ماھارىتىنى ئۆگىنىشنىڭ ھۆكمى.

   تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغان شەرئى چەكلىمىلەردىن ساقلانغاندا تۈرلۈك شەكىلدىكى جەڭ ماھارەتلىرى ۋە ئويۇنلارنى ئوينىسا بولىدۇ:

   1-ھارام بولغان ئىشنى قىلماسلىق، يۈزىگە ۋە بېشىغا ئۇرۇش ئارقىلىق قارشى تەرەپكە ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك.

   مەككە مۇكەررىمىدىكى ئىسلام بىرلىكىگە تابى بولغان ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسىنىڭ: بوكسىيۇرچىلىق، ئەركىن چېلىشىش ۋە بۇقىچىلاپ چېلىشىش قاتارلىق تېمىلارغا كۆرە بەرگەن قارارىدا مۇنداق بايان قىلىنغان: "مەجمۇئەنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارارىغا كۆرە، بۈگۈنكى كۈندە دىيارلىرىمىزدا تەنتەربىيە ساھەسىدە ئىلىپ بېرىلىۋاتقان بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە جانبازلىق ماھارەتلىرى بولسا ئىسلام شەرىئىتىدە ھارام قىلىنغان مۇسابىقىدۇر، چۈنكى ئۇ مۇسابىقە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە  ئەزىيەت يەتكۈزۈشنى ئاساس قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە كۈچىنىڭ يېتىشچە ئەزىيەت يەتكۈزۈشكە تېرىشىدۇ، بۇ جەرياندا بەزىسى قارىغۇ بولۇپ قالىدۇ، بەزىسىنىڭ ئەزاسى سۇنىدۇ بەزىسىنىڭ مېڭىسى ئىشلىمەس بولىدۇ بەزىسىنىڭ باش-كۆزى يېرىلىپ ئۆلۈم ھالىتىگە كېلىدۇ، ئۇرغۇچىغا مەسئۇلىيەت كەلمەيدۇ، كۆپچىلىك تاماشابىنلار غەلىبە قىلغۇچىنى قوللاپ بىرگە شادلىنىدۇ، باشقىلارغا يەتكەن ئەزىيەتتىن خۇرسەن بولىدۇ، بۇ ئىسلامنىڭ ھۆكۈمىدە ئومۇمى ۋە خۇسۇسىي ھەر تەرەپتىن رەت قىلىنىدىغان ھارام ئىشلارنىڭ تۈرىدىندۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلا تُلْقُوا بِأَيْدِيكُمْ إِلَى التَّهْلُكَةِ تەرجىمىسى: «ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار». [سۈرە بەقەرە 195-ئايەت].

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلا تَقْتُلُوا أَنْفُسَكُمْ إِنَّ اللَّهَ كَانَ بِكُمْ رَحِيمًا تەرجىمىسى: «سىلەر ئۆزۈڭلارنى (يەنى بىر ـ بىرىڭلارنى) ئۆلتۈرمەڭلار». [سۈرە نىسا 29-ئايەت.]

   پەتيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۆزىگىمۇ ۋە ئۆزگىلەرگىمۇ زىيان يەتكۈزۈلمەيدۇ].

   شۇنىڭغا ئاساسەن: شەرىئەتتىكى پىقھى ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە: بىر كىشى يەنە بىر كىشىگە مېنى ئۆلتۈرگىن دېسە، ئۇ كىشىنى ئۆلتۈرۈش توغرا بولمايدۇ، ئەگەر تەلەپ قىلدى دەپ ئۆلتۈرسە، ئۇ كىشى سوراققا تارتىلىدۇ ۋە جازاغا لايىق بولىدۇ.

   شۇنىڭغا ئاساسەن: پىقھى مەجمۇئەسى شۇنى قارار قىلىدۇكى، بۇ شەكىلدىكى مۇشتلىشىش ئويۇنلىرىنى تەنتەربىيە ئويۇنلىرى-مۇسابىقىلىرى دەپ ئاتاش ۋە ئۇنىڭ بىلەن شۇغىللىنىشمۇ توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بەدەن چىنىقتۇرۇشنىڭ ئاساسى مەشىق قىلىش بىلەن بولىدۇ، ھەرگىزمۇ باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزۈش ۋە زىيان سېلىش ئاساسىغا كۆرە بولمايدۇ، بۇنى يەرلىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى تىزىملىكتىن چېقىرىۋېتىش كېرەك. شۇنداقلا خەلقئارالىق مۇسابىقىدىنمۇ يوق قىلىش لازىم. مەجلىس يەنە بۇ شەكىلدىكى ناچار ئىشنىڭ تارالماسلىقى ۋە باشقىلارنىڭ قارىغۇلارچە ئەگىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بۇنداق مۇسابىقىلارنى تىلۋىزۇردا تارقىتىشنىڭمۇ توغرا ئەمەسلىكىنى بايان قىلىدۇ.

    ئىككى چېلىشقۇچىنىڭ بىر-بىرىگە ھەر تەرەپتىن ئەزىيەت يەتكۈزۈشىنى دۇرۇس قىلىدىغان ئەركىن چېلىشىش بولسا شەكلى ئوخشىمىسىمۇ ئەمما ھەرىكەتتە ئۇمۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بوكسىيۇرچىلىققا ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىمۇ ھارام دەپ قارىدى، چۈنكى شەرىئەتتە چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بوكسىيۇرچىلىق ۋە ئەركىن مۇشتلىشىشتا ئاشكارا ئىجرا بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھاراملىق ھۆكمى ئوخشاش بولىدۇ، ئۇمۇ بۇ ھۆكۈمنىڭ ئىچىگە كېرىپ كىتىدۇ.

  2-بۇ تۈردىكى مۇسابىقىلاردا ئەۋرەت ئېچىلىپ قىلىش بولىدۇ. ئەر كىشىنىڭ ئەۋرىتى كىندىكىدىن تىزىغىچە بولىدۇ.

  3- ئىككى جىنسنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشى كېلىپ چىقىدۇ، قىزلارنى يېتىشتۈرۈشمۇ بۇنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ.

  4-ئاللاھنىڭ زىكرىدىن چەكلەپ قويىدۇ، نامازنى ۋە باشقا مۇھىم بولغان ئىشلارنى زايە قىلىۋېتىش كېلىپ چىقىدۇ.

  5-ئوينىغۇچى ياكى مەشقاۋۇلنىڭ ئالدىدا ئېگىلىش بولىدۇ. 

  6-بۇت پەرەسلىككە ئالاقىدار بولغان ئازغۇن ۋە ئېتىبارسىز پىكىر-قاراشلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.

  7-تەنتەربىيە مۇسابىقىسى جەريانىدا تۈرلۈك شەكىلدە چەكلەنگەن مۇزىكا، ناخشىلاردىن يىراق بولۇش كېرەك.

   تەنتەربىيە يۇقىرىدا بايان قىلىنغان چەكلىمىلەردىن خالى بولغاندا ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.

   ئىككىنچى: مۇئاي تاي ئويۇنىنىڭ ھۆكمى.

   مۇئاي تاي ياكى تايلاندچە ئۇرۇشۇش دېگەن يۈزىگە ئۈرۈش، قارشى تەرەپنى ئېغىر يارىدار قىلىش، ئەۋرەتنى ئېچىش، ناخشا-مۇزىكا ئىشلىتىش دېگەندەك چەكلىمىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، مۇشۇ چەكلىمىلەردىن يىراق بولماي بۇ ئويۇننى ئويناش توغرا بولمايدۇ.

   جەڭ ماھارىتى ئۆگىتىدىغان مەشقاۋۇل بولۇپ ئىشلەشنىڭ ھۆكمى.

   ئىنسان جەڭ ماھارىتى ئۆگىتىدىغان مەشقاۋۇل بولۇپ ئىشلىسە بولىدۇ، مۇمكىن بولسا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان چەكلىمىلەردىن يىراق بولىشى كېرەك، ئەگەر ئۇنىڭدىن يىراق بولۇش مۇمكىن بولمىسا، ئۇ دۇرۇس بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا مەسىيەتكە ياردەم بەرگەنلىك كېلىپ چىقىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ‏وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى وَلا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ تەرجىمىسى: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر.» [سۈرە مائىدە 2-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى