پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئەزان بىلەن تەكبىر ئارىسىدا ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇش ئەرلەرگە مۇستەھەپ بولغاندەك ئاياللارغىمۇ مۇستەھەپ بولامدۇ؟

سۇئال

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە: «ھەر ئەزان بىلەن تەكبىرنىڭ ئارىسىدا ناماز بار، ھەر ئەزان بىلەن تەكبىرنىڭ ئارىسىدا ناماز بار دەپ ئۈچىنچى قېتىمدا خالىغان كىشى ئۈچۈن» دېدى، بۇ پەقەت مەسچىتتە ناماز ئوقۇغان ئەرلەرگە خاس بولامدۇ؟ ياكى ئاياللارنىڭمۇ ئەزان بىلەن تەكبىر ئارىسىدا ئۆيدە بولسىمۇ بۇ نامازنى  ئوقۇشى كېرەكلىكىنى ئۆز ئېچىگە ئالامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

بۇ ھەدىس ھەر ئەزان بىلەن تەكبىر ئارىسىدا ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇشنىڭ مۇستەھەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، شەرىئەت ھۆكۈملىرى ئەسلىدە ئەر-ئاياللار ئۈچۈن ئايرىم ھۆكۈم كەلمىگەن ئىشلاردا ئەر-ئاياللارنى بىردەك ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، بۇ مەسىلىدە ئاياللارنى ئايرىپ قويۇپ پەقەت ئەرلەرگە خاس دەلىل كەلمىدى، ھۆكۈم ئەسلىدىكى قائىدە بويىچە بولىدۇ، ھەر ئەزان بىلەن تەكبىر ئارىسىدا ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇش ئۆيدە بولسۇن ياكى مەسچىتتە بولسۇن ئەر-ئاياللارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. ھەر ئەزان بىلەن تەكبىر ئارىسىدا ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇش مۇستەھەپ. ئەسلىدە شەرىئەت ھۆكمى ئەر-ئايال ھەممەيلەننى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ھەر ئەزان بىلەن تەكبىر ئارىسىدا ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇش مۇستەھەپ.

ئابدۇللاھ ئىبنى مۇغەپپەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھەر ئىككى ئەزان ئارىسىدا ناماز بار دەپ ئۈچىنچى قېتىمدا خالىغان كىشى ئۈچۈن دېگەن.» [بۇخارى رىۋايىتى 627-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 838-ھەدىس].

ئىككى ئەزاندىن ئەزان بىلەن تەكبىر مەقسەت قىلىنىدۇ. ئىمام خەتتابىي مۇنداق دەيدۇ: "ئىككى ئەزاندىن ئەزان بىلەن تەكبىر مەقسەت قىلىنىدىغان بولۇپ، ئىككى ئىسىمنىڭ بىرى يەنە بىرىنىڭ ئورنىدا تۇرغۇزۇلغان، بۇ خۇددى سۇ بىلەن خورمىنى ئىككى قارا نەرسە، ئەبۇ بەكرى بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ سىيرەتلىرىنى "سىيرەتى ئۆمەرەين" دېگەنگە ئوخشاشتۇر، يەنە بۇ ھەر ئىككى ئىسىمدىن ھەر بىرىنىڭ ھەقىقىتىمۇ مەقسەت قىلىنىدۇ، چۈنكى ئەزان دېگەن لۇغەتتە ناماز ۋاقتىنىڭ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلىشتۇر، تەكبىر بولسا، نامازنى باشلاشنى ئېلان قىلىشتۇر".

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىس: ئەزان بىلەن تەكبىر ئارىسىدا ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇشنىڭ مۇستەھەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بۇنىڭ تەپسىلاتى 163470 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

    ئەسلىدە شەرىئەت ھۆكمى ئەر-ئايال ھەممەيلەننى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

شەرىئەت ھۆكۈملىرى ئەسلىدە ئەر-ئاياللار ئۈچۈن ئايرىم ھۆكۈم كەلمىگەن ئىشلاردا ئەر-ئاياللارنى بىردەك ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن"شەرھىل مۇمتىئ" 3-توم 27-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئايرىم دەلىل كەلمىگەن ئىشلاردا ئەرلەرنىڭ ھەققىدە بېكىتىلگەن ھۆكۈم ئاياللارغىمۇ، ئاياللارنىڭ ھەققىدە بېكىتىلگەن ھۆكۈم ئەرلەرگىمۇ بېكىتىلگەن بولىدۇ. 

    يەنە" پەتھى زىلجەلالى ۋەلئىكرام" 2-توم 530-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: ئەسلى ھۆكۈمدە ئەر-ئاياللار ئورتاق بولىدۇ، ئاياللارغا قارىتىلغان ھۆكۈم ئەرلەرنى ۋە ئەرلەرگە قارىتىلغان ھۆكۈم ئاياللارنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، پەقەت ئۇلارنىڭ ھەر-بىرىگە خاس بولغان ھۆكۈم بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر.

بۇ مەسىلىدە ئاياللارنى ئايرىپ قويۇپ ئەرلەرگىلا دەلىل كەلمىدى، ئەزان بىلەن تەكبىر ئارىسىدا ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇش مەسچىتتە بولسۇن ياكى ئۆيدە بولسۇن ھۆكۈم ئەسلىدىكى قائىدە بويىچە ئەرلەرگە مۇستەھەپ بولغاندەك ئاياللارغىمۇ مۇستەھەپ بولىدۇ. بۇنىڭ ئايالمۇ مەسچىتكە چىقىپ ناماز ئوقۇشى كېرەك دېگەنلىك مەقسەت قىلىنمايدۇ، مۇئەززىن ئەزان ئوقۇغاندا ئايال كىشى ئۆيدە بولسا پەرىز نامازنى ئوقۇشتىن ئىلگىرى ئىككى رەكەت ئوقۇسا بولىدۇ، ھەتتا مەسچىتتە تەكبىر ئېيتىلغان بولسىمۇ ئۆيدە بۇ ئىككى رەكەتنى ئوقۇۋېتىپ ئاندىن پەرىز ئوقۇسا بولىدۇ.

    بۇ يالغۇز ناماز ئوقۇغان كىشى ئۈچۈن بولۇپ، ئەر ۋە ئايال يالغۇز ناماز ئوقۇغاندا تەكبىر ئېيتىپ ئوقۇشى كېرەك، شۇنداق بولغاندا ئۇلار ئەزان بىلەن تەكبىرنىڭ ئارىسىدا ناماز ئوقۇغان بولىدۇ، بۇ مەسچىتتە تەكبىر ئېيتىلىشقا ئالاقىدار بولمايدۇ.

     ئىبنى قۇدامە "ئەلمۇغنى" ناملىق ئەسەر 2-توم 74-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: ياخشىسى ھەر قانداق ناماز ئوقۇغۇچى ئەزان ئوقۇپ ۋە تەكبىر ئېيتىپ ناماز ئوقۇشى كېرەك بولىدۇ، پەقەت قازا ناماز ئوقۇغان ياكى ئەزان ۋاقتى بولمىغاندا ناماز ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ئوقۇسا بولىدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 5660 -112033 -112527 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى