شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

خىيالى قىسسەلەرنى يېزىش توغرىسىدا

سۇئال

   ئوقۇرمەنلەرگە پايدىسى بولىدۇ دەپ، خىيالى قىسسە يازغان ھەمراھىمغا نارازىلىق بىلدۈردۈم، مەن ئۇنىڭغا ئىككى تەرەپتىن نارازىلىق بىلدۈردۈم:

   بىرىنچى: ھەمراھىم شەرئى ئىلىملەرنى بىلمەيدىغان تۇرۇپ ئۆزىنىڭ خىيالى قىسسىسىگە قۇرئان ئايەتلىرىنى دەلىل كەلتۈردى، ئۇ بۇنداق قىلىشنىڭ توغرا ياكى توغرا ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.

   ئىككىنچى: ئۇ توقۇغان قىسسىسىدە ئىنسانلار تارىخىدا بولمىغان، ئورۇن ۋە زامان قىلىپ، بىز ياشاۋاتقان مۇشۇ دۇنيادىن باشقا بىر دۇنيا پەيدا قىلدى، ئۇ توقۇغان خىيالى قىسسەدە ئەرەب يېرىم ئارىلى دېگەندەك ئورۇنلار تېپىلمايدۇ، شۇنداق بولسىمۇ ئۇ قىسسىنىڭ مەقسەتلىك بولىشى ئۈچۈن قۇرئان –ھەدىس تېكىستلىرىنى ئىشلەتتى، ئەمەلىي بولمىغان خىيالى قىسسىگە ئايەت-ھەدىس تېكىستلىرىنى ئىشلەتسە توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

   قىسقىچە جاۋاپ: ئىسلاھات ۋە ياخشىلىققا چاقىرىق قىلىشنى مەقسەت قىلىپ خىيالى قىسسە ۋە رىۋايەتلەرنى يازسا توغرا بولىدۇ، ئۇنىڭغا توغرا شەكىلدە قۇرئان-ھەدىس تېكىستلىرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ بۇنىڭدىن چەكلەيدىغان بىر ئامىل يوق، بۇنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندە بايان قىلىمىز.

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: خىيالى رىۋايەتلەرنى يىزىشنىڭ ھۆكمى.

ئىلگىرى بىز 174829- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا خىيالى رىۋايەتلەرنى يېزىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا ئالىملارنىڭ قارىشىنى، بۇ قىسسىلەر ياخشىلىق، ئىسلاھاتقا دەۋەت قىلىشنى مەقسەت قىلىپ يېزىلغان بولسا توغرا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدۇق. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئىلىش ئۈچۈن 278767- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ئىككىنچى: خىيالى قىسسىگە ئايەت-ھەدىس تېكىستلىرىنى ئىشلىتىش.

ئۇنىڭغا توغرا شەكىلدە قۇرئان-ھەدىس تېكىستلىرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ بۇنىڭدىن چەكلەيدىغان بىر ئامىل يوق. قۇرئان ئايەتلىرى ۋە سەھىھ ھەدىسلەردىن ئىلىم ئەھلىنىڭ چۈشەندۈرۈپ بېرىشىگە ھاجەت بولمايدىغان دەلىل ئىكەنلىكى روشەن بولغانلىرى بولۇپ، كۆپ ۋاقىتتا بۇنى ئوقۇغانلار چۈشىنەلەيدۇ، خۇددى ناماز، زاكات، روزا ۋە ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەرنىڭ پەرىز ئىكەنلىكىگە، گۈزەل-ئەخلاققا  بۇيرۇيدىغان، ئۇنىڭ ئەكسى بولغان ناچار ئەخلاقلاردىن چەكلەيدىغان   ئايەتلەرگە ئوخشاش.

    قىسسە يازغۇچى بۇ مەنىدىكى ئايەتلەرنى دەلىل كەلتۈرسە بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ مەنىسى روشەندۇر.

    بۇ يەردە يەنە نۇرغۇن ئايەت-ھەدىسلەر بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىلىم ئەھلىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇ ئايەت-ھەدىسلەرنى بىلىش ئۈچۈن تەتقىقات ئىلىپ بېرىش ۋە ئىلىم ئەھلىدىن سوراش كېرەك، مەنىسىنى بىلمەي تۇرۇپ دەلىل كەلتۈرۈش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى مەنىسىنى بىلمىسە، ئايەت-ھەدىسنى ئۆز ئورنىدىن باشقا ئورۇنغا دەلىل قىلغان بولىدۇ.

    ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ قۇرئان كەرىم تەپسىرىنى تۆت تۈرلۈك بولىدۇ دەپ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "تەپسىر تۆت يول بىلەن بولىدۇ: بىرىنچى: ئەرەبلەر ئۆز تىلىدا بىلىدىغانلىرى. ئىككىنچى: ھېچ كىشىنىڭ بىلمەيمەن دېيىشىگە يول بولمىغانلىرى. ئۈچىنچى: ئىلىم ئەھلى ئۆلىمالار بىلىدىغانلىرى. تۆتىنچى: پەقەت ئاللاھ تائالا بىلىدىغانلىرى بولۇپ، بۇنى بىلىمەن دېگەنلەر يالغانچى-كاززاپ بولىدۇ.

 بۇنى ئىبنى جەرىر ئۆز تەپسىرىنىڭ مۇقەددىمىسى 1-توم 70-73-بەتتە رىۋايەت قىلغان.

ئىبنى كەسىر ئۆز تەپسىرىنىڭ مۇقەددىمىسى 1-توم 14-بەتتە رىۋايەت قىلغان.

زەركىشى "بۇرھان" ناملىق ئەسىرى 2-توم 164-167-بەتتە مۇنداق كەلتۈرگەن: "ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەپسىرنى تۆت يولغا ئايرىشى توغرا، ئەرەبلەرنىڭ بىلىدىغانلىرى تىل ۋە گرامماتىكا تەرەپتىن ئۇلارنىڭ تىلىغا قايتىدۇ.

   تەپسىردىن مۇشۇ قىسىمغا قايتىدىغانلىرىنى بىلىشتە، تەپسىر قىلىشنىڭ يولىدا توختىلىش ئەرەب تىلىدا كەلگەن بويىچە بولىدۇ، ئەرەب تىلىنىڭ لۇغەت تەتقىقاتى ۋە چۈشەنچىلىرىنى بىلمىگەن كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر نەرسىنى تەپسىر قىلىشى-چۈشەندۈرىشى توغرا بولمايدۇ، ئازراق لۇغەت بىلىش بۇنىڭغا كۇپايە قىلمايدۇ، بەزى ئورتاق مەنانى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر بولۇپ، بۇنىڭ ھەر ئىككى مەنىسىنى بىلىش كېرەك بولىدۇ.

    ئىككىنچى: ھېچ بىر كىشىنىڭ بىلمەپتىمەن دەپ باھانە-سەۋەپ كۆرسىتىشى قوبۇل قىلىنمايدىغانلىرى: بۇ ئەقىدە-تەۋھىدنى ئىسپاتلايدىغان، شەرئى ھۆكۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېكىستلەردىن، مەناسى ئوقۇش بىلەنلا ئەقلىگە كىلىدىغان، ھەر بىر سۆزلۈك روشەن بىر مەنانى بىلدۈرىدىغان ۋە  ئاللاھ  بۇ ئايەتتىن مەقسەت قىلغان مەناسى دەپ بىلىدىغانلىرى بولۇپ، بۇ قىسىمنىڭ ھۆكمىدە ھېچ ئىختىلاپ يوق، تەپسىرى تۇتۇق ئەمەس، بۇنىڭ مىسالى: ئاللاھ تائالانىڭ « فاعلم أنه لا إله إلا الله» تەرجىمىسى:«بىلگىنكى، ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد يوقتۇر» يەنى ئاللاھنىڭ ھەقىقى ئىلاھ ئىكەن ئىكەنلىكىدە ھېچ شېرىكى يوق دېگەن بۇ تەۋھىد مەنىسىنى ھەممە كىشى بىلەلەيدۇ.

ھەر بىر كىشى ئاللاھ تائالانىڭ «ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار» دېگەنگە ئوخشاش ئايەتلەرنىڭ تەقەززاسىنى، بۇيرۇق شەكلىدىكى ئايەتتىن ناماز ۋە زاكاتنىڭ پەرىز ئىكەنلىكىنى بىلىشى زۆرۈر بولىدۇ.

    ئۈچىنچى: مەنىسىنى ئاللاھتىن باشقا ھېچ كىشى بىلمەيدىغانلىرى، بۇ غەيبى ئىلىملەردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ قىيامەتنىڭ بولىدىغان ۋاقتى، يامغۇرنىڭ چۈشىدىغان ۋاقىتى ۋە بالىياتقۇدىكى تۆرەلمىنىڭ ئەھۋالى ۋە روھنى چۈشەندۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەردىن ئىبارەت.

   تۆتىنچى: ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بىلىنىدىغانلىرى. بۇ تۈردىكى تەپسىر ئومۇمەن ئىزاھلاش بولۇپ، سۆزنى ئىزاھلانغان تەرەپكە ئىشلىتىش، ھۆكۈم چىقىرىش، ئوچۇق بولمىغانلىرىنى بايان قىلىش، ئومۇمى بولغانلىرىنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ تۈردىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق مەنالارنى بىلدۈرىدۇ، بۇ تۈردىكى ئايەتلەرنى تىرىشچان ئۆلىمالاردىن باشقىلارنىڭ چۈشەندۈرىشى توغرا بولمايدۇ".

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى