پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

قىز ۋەلىيسىز توي قىلدى، ئەر مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن ۋەلىيسىز نىكاھنىڭ باتىل بولىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن نىكاھنى توغرا قىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم تالاق قىلىش كېرەك دەپ ئويلاپ ئايالىنى ئۇچ تالاق قىلغانلىق توغرىسىدا

318922

تارقاتقان ۋاقىت : 02-02-2022

كۆرگۈچىلەر : 731

سۇئال

بىر ئەر بىر ئايال بىلەن ئايالنىڭ دادىسىنىڭ ماقۇللىقىسىز توي قىلغان، دوستلىرىنىڭ بىرىنى قىزنىڭ ۋەلىيسى قىلغان، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئۆزىنىڭ نىكاھنىڭ توغرا بولغان ياكى توغرا بولمىغانلىقى توغرىسىدا شەكلىنىپ قالغان، بەزى ئالىملارنىڭ بۇ توغرىدىكى پەتىۋالىرىنى ئوقۇپ ۋە ئۆزىنىڭ نكاھىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىنى بىلگەن، -ئالىملارنىڭ توغرا بولمىغان نىكاھنى تالاق بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك دېگەن پەتىۋاسىنى خاتا چۈشىنىۋىلىپ، يەنى نىكاھ توغرا بولمىغاندىن كېيىن چوقۇم تالاق قىلىش كېرەك، بۇ ئارقىلىق قىزنىڭ ۋەلىيسىنىڭ ماقۇللىقى بىلەن قايتىدىن توي قىلىش مۇمكىن بولىدىكەن دەپ چۈشىنىپ قالغان، ئايالىغا تىلىپۇن قىلىپ "بىزنىڭ ئىلگىرىكى ۋەلىيسىز قىلغان نىكاھىمىز توغرا ئەمەسكەن، سىز ئۈچ قېتىم تالاق دېگەن"، توغرا بولمىغان نىكاھتا تالاق بولمايدىغانلىقىنى بىلمىگەن، ئەر كېيىن ئۆزىنىڭ نىكاھنىڭ ئىمام ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھنىڭ مەزھىبى بويىچە بولغانلىقىنى، نىكاھنىڭ توغرا بولغانلىقىنى بىلگەن، ۋە ئايالىغا: بىزنىڭ ئىلگىرىكى نىكاھىمىز توغرا ئىكەن، مەن سەن بىلەن يېنىشىۋالىمەن دېگەن، سوئالىم: . ئۇ كىشىنىڭ تالىقى توغرا بولامدۇ؟.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى:

توغرا بولمىغان نىكاھنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تالاق قىلىش زۆرۈر بولامدۇ؟.

    ۋەلىيسىز نىكاھ ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھنىڭ مەزھىبىدە توغرا بولسىمۇ، باشقا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا توغرا بولمايدۇ،

ئىنسان توغرا بولمىغان نىكاھنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلسا تالاق قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولامدۇ؟.

    بۇ توغرىدا ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار، ھەنبەلى مەزھىبىدە چوقۇم تالاق قىلىش كېرەك دەيدۇ، شاپىئىي مەزھىبىدە تالاق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق دەيدۇ.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئايال توغرا بولمىغان شەكىلدە توي قىلغان بولسا، ئاشۇ ئېرى ئۇ ئايالنى تالاق قىلمىغۇچە ياكى نىكاھنى ئەمەلدىن قالدۇرمىغۇچە ئۇ ئايالنىڭ توي قىلغان ئېرىدىن باشقا بىر كىشى بىلەن توي قىلىشى توغرا بولمايدۇ، ئەگەر ئېرى تالاق قىلغىلى ئۇنىمىسا، قازى ئۇلارنىڭ نىكاھىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. ئىمام ئەھمەد بۇ توغرىدا دەلىل بايان قىلغان. ئىمام شاپىئىي رەھىمەھۇللاھ: بۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى تالاق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى ئۇ رەسمى چىگىلمىگەن نىكاھ، ئىددەت ئىچىدە قىلىنغان نىكاھقا ئوخشايدۇ دېگەن.

    بىزنىڭ دەلىلىمىز: نىكاھتا ئىجتىھادقا يول بار، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋېتىشتە، ئايرىۋېتىشنى ھاسىل قىلىدىغان بىر ئىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، خۇددى توغرا نىكاھتا كېلىشەلمىسە ئايرىۋەتكەنگە ئوخشاش، چۈنكى ئۇ ئايالنى ئايرىۋەتمەستىن قويۇپ قويسا، ئەرنىڭ ئايالغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋېلىشىغا ئېلىپ بارىدۇ، ھەر بىرى ئۆزىنىڭ نىكاھىنى توغرا يەنە بىرىنىڭ نىكاھىنى توغرا ئەمەس دەپ قارايدۇ، مۇشۇ سەۋەبلەردىن توغرا بولمىغان نىكاھنى ئايرىۋېتىش كېرەك بولىدۇ.

ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋېتىشتىن بۇرۇن ئۇ ئايال باشقا بىرى بىلەن توي قىلسا، ئىككىنچى ئەر بىلەن قىلغان نىكاھى توغرا بولمايدۇ". ["ئەلمۇغنى" 7-توم 11-بەت].

    بۇ ئەر-ئايال ئىككەيلەن توغرا بولمىغان نىكاھنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلسا شۇنداق بولىدۇ. ئەمما ئۇلار توغرا بولمىغان نىكاھ بىلەن تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلسا، تالاققا ئېھتىياجى بولمايدۇ بەلكى يېڭىدىن نىكاھ قىلسىلا بولىدۇ.

     ئىككىنچى:

ئۆز گۇمانىدا توغرا بولمىغان شەكىلدە ھاسىل بولغان نىكاھقا تالاق چۈشەمدۇ؟.

    ئەگەر ئەر كىشى ئۆزىنىڭ خاتا گۇمانى بىلەن نىكاھنى توغىرلاشتىن ئىلگىرى چوقۇم تالاق قىلىش كېرەك بولىدۇ دەپ تالاق قىلغان بولسا، توغرا قاراشتا بۇ تالاق چۈشمەيدۇ.

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ئەر ئايالىغا سەن زەيدكە سۆزلىگەنلىكىڭىز ئۈچۈن ياكى ئۆيدىن چىققانلىقىڭ ئۈچۈن ئۈچ تالاق دېگەن بولسا، ئاندىن ئايالىنىڭ زەيدكە سۆز قىلمىغانلىقى ياكى ئويدىن چىقمىغانلىقى ئېنىق بولغان بولسا، تالاق بولمايدۇ.

    بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت: تالاقنى بىرەر ئىش بىلەن باغلىغان بولسا، ئاندىن ئۇ ئىشنىڭ بولمىغانلىقى ئېنىق بولسا، ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھىبىدە بۇ تالاق چۈشمەيدۇ. ئۇستازىم ئىبنى تەيمىيەنىڭ قارىشىدا ئالاقىدار قىلغان ئىشنى زىكىر قىلىش شەرت قىلىنمايدۇ. ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىدا، يۇقىرىدا زىكىر قىلغان سەۋەپ ئۈچۈن ياكى باشقا سەۋەپ ئۈچۈن تالاق قىلىشنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق، سەۋەپنىڭ يوق بولغانلىقى ئېنىق بولسا بۇ تالاق چۈشمەيدۇ.

    ھەنبەلى مەزھەپتە بۇنىڭدىن باشقا ئىش لايىق بولمايدۇ ۋە ئىماملارنىڭ قائىدىسى بۇنىڭدىن باشقىنى خالىمايدۇ.

    ئەگەر ئەر كىشىگە: سىزنىڭ ئايالىڭىز پالانى بىلەن شاراپ ئىچتى ياكى پالانىنىڭ يېنىدا كېچىنى ئۆتكۈزدى دېسە، ئۇ كىشى: ماڭا گۇۋاھ بولۇڭلار! ئۇ ئايال ئۈچ تالاق دېگەن بولسا، ئاندىن ئۇ ئايالنىڭ شۇ كىچىدە ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ناماز ئوقۇغانلىقىنى بىلگەن بولسا، بۇ تالاق ھەرگىز چۈشمەيدۇ، بۇ سۆز بىلەن تۆۋەندە دېيىلىدىغان مۇنۇ سۆزنىڭ ئارىسىدا"ئەگەر ئىش شۇنداق بولغان بولسا ئۇ ئايال ئۈچ تالاق دېگەن بولسا، قەسەم قىلغاندىمۇ، ئۆرپدىمۇ ۋە شەرىئەتتىمۇ ئەلۋەتتە پەرق يوقتۇر.

    بۇ شەكىلدىكى تالاق چۈشۈش پەقەت خىيالدۇر، ئىش يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك بولمىسا تالاقنى مەقسەت قىلمايدىغانلىقى ئېنىقتۇر. شۇ ئىشنى قىلدى دېيىلگەنلىكى ئۈچۈن تالاق قىلىشنى مەقسەت قىلغان. ["ئىئلەمۇل مۇقىئىين" 4-توم 90-بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ "شەرھىل مۇمتىئ" 6-توم 245-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "بىر كىشى ئۆزىنىڭ تالاق ياكى باشقا ئىشلارغا ئالاقىدار سۆزىنى بىر سەۋەپكە ئاساسەن قىلغان بولسا، سەۋەپ تېپىلمىسا قىلغان سۆزى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

    مۇشۇ قائىدىدە نۇرغۇن شاخچىلىرى بار، ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىملىرى: بەزى كىشىلەر ئۈچۈن تالاقتا يۈزبەرگەن ئىشلار، مەسىلەن: ئەر كىشى ئايالىغا: پالانچىنىڭ ئۆيىگە كىرسەڭ سەن تالاق دېگەن بولسا، بۇ سۆزنى پالانىڭ يېنىدا شەرىئەتتە ھارام قىلغان-چەكلەنگەن نەرسىلەر بولغانلىقتىن دېگەن بولسا، ئاندىن ئۇ كىشىنىڭ ئۆيىدە ئۇنداق نەرسىلەرنىڭ يوق ئىكەنلىكى ئوچۇق بولغان بولسا، ئۇ ئايال پالانىنىڭ ئۆيىگە كىرسە تالاق بولامدۇ؟ دېگەن مەسىلە.

    بۇنىڭ جاۋابى: تالاق بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ سۆزى سەۋەپكە ئاساسەن دېيىلگەن، سەۋەپنىڭ بولمىغانلىقى ئېنىق بولدى، مانا بۇ شەرئى ۋە ئەمەلى قىياستۇر.

    شۇنىڭغا ئاساسەن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تالاق چۈشمەيدۇ، بۇ ئىككەيلەن ئۆزلىرىنىڭ نىكاھ ئەقدىسىنى ئايالنىڭ ۋەلىيسىنى ياكى ۋەكىلىنى، ئىككى مۇسۇلمان گۇۋاھچىنى چاقىرىپ يېڭىلىۋېلىشى كېرەك بولىدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى