جۈمە 12 سەپەر 1446 - 16 ئاۋغۇست 2024
Uygur

تىجارەتچىلەر ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلىشنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ؟

سۇئال

   تىجارەت قىلغاندا قانداق تەۋەككۇل قىلىشنى بىلىشنى خالايمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   مۇسۇلماننىڭ ئۆزىنىڭ ھەممە ھاجەتلىرىدە ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلىش ئۇ كىشىدىكى ئىماننىڭ ئالامىتىدۇر، بۇ رىزىق ھاسىل قىلىش يوللىرىدا ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشتا ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.

    ئەبۇ ھاتىم ئىبنى ھىببان رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەقىللىق كىشىگە ۋاجىپ بولىدىغىنى: رىزىق بېرىشكە كېپىل بولغان زاتقا تەۋەككۇل قىلىش، چۈنكى تەۋەككۇل قىلىش دېگەن ئىماننىڭ قۇرۇلمىسى، تەۋھىدنىڭ بىر تەرىپى، ئۇ پەقىرلىقنى يوق قىلىشقا، راھەتنى پەيدا قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان سەۋەبدۇر، ھەر قانداق كىشى چىن دىلىدىن ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلىدىكەن، ھەتتا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ نەزىرىدە قولىدىكى دەلىل -ئىسپاتتىنمۇ بەك كۈچلۈك بولىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى كىشىلەرگە قويۇپ قويمايدۇ، ئۇ كىشىگە ئويلىمىغان تەرەپتىن رىزىق بېرىدۇ.

    مەنسۇر ئىبنى مۇھەممەد كۇرەيزىي مەندىن شۇنى ئۆتۈنۈپ سورىدى: ھەممە ھاجىتىڭنىڭ ئادا بولىشىنى ئىرادە قىلساڭ رەھمان تائالاغا تەۋەككۇل قىلغىن، ھەقىقەتەن ئەرشنىڭ ساھىبى بولغان ئاللاھ بەندىسىنىڭ بىر ئىشىنى ئادا قىلماقچى بولسا بۇنىڭغا قادىردۇر، بۇنىڭدا بەندە ئۈچۈن تاللاش يوق، ھەقىقەتەن ئىنسان قۇرۇق خىيال-ئارزۇلار بىلەن ھالاك بولىدۇ، ھەزەر قىلغان تەرەپتىن ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن نىجات تاپىدۇ. ["رەۋزەتۇل ئۇقەلا ۋە نۇزھەتۇل پۇزەلا" 153-154-بەتلەر].

    ئەمما تىجارەتتە تەۋەككۇل قىلىشنىڭ قانداقلىقى توغرىسىدا، ئىنساننىڭ تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك بولىدۇ:

  1-ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرى ئارىسىدا ئۇلارنىڭ رىزقىنى ئەزەلىيدە تەقدىر قىلىۋەتكەنلىكىگە چىن دىلىدىن ئېتىقاد قىلىشى كېرەك.

    ئەبۇ ھاتىم ئىبنى ھىببان رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئەقىللىق كىشى رىزىق ئېشىنىڭ پۈتۈلۈپ بولغانلىقى، ئۇنىڭغا ھەممىنى تولۇقلاپ بەرگۈچى بۈيۈك ئاللاھنىڭ ئىگە بولغانلىقى، بەندىسىنىڭ ئۇنىڭغا ھاجىتى چۈشكەندە ئۇلارغا ئۇنى تولۇقلاپ بېرىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن تېرىشچانلىق قىلىش بولسا ئاللاھ بېرىدىغان نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئۇ كىشى ئويلىمىغان تەرەپتىن ئاللاھ رىزىق بېرىدۇ. ["رەۋزەتۇل ئۇقەلا ۋە نۇزھەتۇل پۇزەلا" 155-بەت].

  2-رىزىقنى ھاسىل قىلىشتا ئۆزى بىلەن ئاللاھنىڭ غەيرىدىكى ئالاقىنى ئۈزىدۇ.

    ئەبۇ ھاتىم ئىبنى ھىببان رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تەۋەككۇل دېگەن: قەلىبنى خالايىقلار بىلەن بولغان ئالاقىدىن ئۈزۈپ، ئۇنى ئەھۋاللارنى ئۆرۈگۈچى زاتقا يالۋۇرۇشقا يۈزلەندۈرۈشتۇر، بەزى ۋاقىتتا ئىنسان دۇنيا ئىشلىرىدا قىيىنچىلىقتا بولىدۇ، ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلىشتا سەمىمى بولىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ نەزىرىدە دۇنيانىڭ بولىشى بىلەن بولماسلىقى ئوخشاش بولۇپ، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا پەرق يوق، تاپقاندا شۈكۈر ئېيتىدۇ، تاپالمىغاندا رازى بولىدۇ، بەزى ۋاقىتتا ئىنسان ئامال چارىلەرنى قىلىپمۇ دۇنيادىن بىر نەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ، ئۇ ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلمايدۇ، بىر نەرسىنىڭ تېپىلىشى يوقلۇقتىن بەكراق ياخشى كۆرەلگۈچى بولىدۇ، يوق ھالىتىگە رازى بولمايدۇ، تېپىلغان ۋاقىتتا شۈكۈر قىلمايدۇ". ["رەۋزەتۇل ئۇقەلا ۋە نۇزھەتۇل پۇزەلا" 156-بەت].

  3: رىزىق تەلەپ قىلغۇچىنىڭ قەلبى سەۋەپلەرنى قىلىش ۋە رىزىق تەلەپ قىلىشتا تېرىشچانلىق قىلىش بىلەن بىرگە رەببى بولغان ئاللاھقا تايانغان بولىدۇ.

   تەۋەككۇلنىڭ سەۋەپلەرنى قىلىش بىلەن بولىدىغانلىقىنىڭ دەلىلى: ئەبى تەمىيمىل جەيشانى مەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىكەن: «ئەگەر سىلەر ئاللاھ تائالاغا ھەقىقى تەۋەككۇل قىلساڭلار، ئاللاھ تائالا قۇشلارغا رىزىق بەرگەندەك ئەلۋەتتە سىلەرگىمۇ رىزىق بېرەتتى، قۇشلار ئەتتىگەندە ئۇۋىسىدىن ئاچ قورساق چېقىپ كەچتە قورسىقى توق ھالەتتە قايتىپ كېلىدۇ». [تىرمىزى رىۋايىتى 2344-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 4264-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "رىزىق تەلەپ قىلىش ئۈچۈن تېرىشچانلىق قىلىش دېگەن ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ، چۈنكى ھەدىستە: «ئەگەر سىلەر ئاللاھ تائالاغا ھەقىقى تەۋەككۇل قىلساڭلار...» دەپ قۇشلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلىش بىلەن بىرگە ئەتتىگەندە چېقىپ كەچتە قايتىدىغانلىقىنى زىكىر قىلدى. ئاللاھ تائالا رىزىقنى تەييار قىلىپ بەرگۈچى، ئۇنىڭ يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگۈچى ۋە رىزىق تېپىشقا سەرپ بولغۇچىدۇر". ["تەپسىر ئىبنى كەسىر" 8-توم 179-بەت].

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بەندىنىڭ قەلبى سەۋەبلەردىن بۇلغان بىرەر سەۋەپكە ئەمەس بەلكى ئاللاھ تائالاغا تايانغان بولىشى كېرەك، ئاللاھ تائالا ئۇ بەندە ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەت ئىشلىرىغا پايدىلىق بولغان سەۋەپلەرنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگۈچىدۇر". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 8-تو، 427-بەت].

    شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تەۋەككۇل ئىككى ئىشنى جۇغلايدۇ: ئىككىسىنىڭ بىرى: ئاللاھ تائالاغا تايىنىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ سەۋەپلەرنى تەييار قىلىپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىش، ئاللاھنىڭ تەقدىرىنىڭ ئىجرا بولىدىغىنى، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەقدىر قىلغۇچى، ھېسابلاپ قويغۇچى ۋە پۈتۈپ قويغۇچىدۇر.

    ئىككىنچىسى: سەۋەپلەرنى قىلىش، ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلىش سەۋەبنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ، بەلكى تەۋەككۇل سەۋەپ قىلىش بىلەن بىرگە ئاللاھقا تايىنىشنىڭ ئارىسىنى جۇغلايدۇ، كىمكى ئۇنى بىكار قىلىۋېتىدىكەن، شەرىئەتكە ۋە ئەقىلگە خىلاپلىق قىلغان بولدى. ["شەيخ ئىبنى باش پەتىۋالىرى" 4-توم 427-بەت].

   ئىككى ئىمامنىڭ سۆزىنىڭ تامامىنى ۋە بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى تەپسىلاتقا نەزەر سېلىش ئۈچۈن 118262- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    4: ئاللاھ تائالاغا ياخشى قاراشتا بولۇش، دۇئا قىلىش بىلەن ئاللاھقا يالۋۇرۇش، سوراش ۋە تەلەپ قىلىش ئۈچۈن تېرىشچانلىق قىلىش كېرەك.

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "رىزىق ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگۈچىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ دۇئا قىلىشى تەلەپ قېلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن بايان قىلىنغان ھەدىس قۇدسىيدا مۇنداق كەلگەن: «ئى بەندىلىرىم! سىلەردىن مەن يېمەك بەرگەندىن باشقا ھەممىڭلار ئاچ، مەندىن يېمەك تەلەپ قىلىڭلار، مەن سىلەرگە يېمەك بېرىمەن، ئى بەندىلىرىم! سىلەردىن مەن كىيىم بەرگەندىن باشقا ھەممىڭلار يالىڭاچ، مەندىن كىيىم تەلەپ قىلىڭلار مەن سىلەرگە كىيىم بېرىمەن..» [مۇسلىم رىۋايىتى].

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ 21575- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدىكى كۈچلۈك سۆزىگە قارالسۇن.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى