ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئاياللار ئوقۇغان قۇرئان تېلاۋېتىنى تىڭشاش توغرىسىدا

07-06-2023

سۇئال 97276

    بەزى ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئۆتكۈزىدىغان قۇرئان مۇسابىقىسىدا ئاياللارنىڭ ئوقۇغان تېلاۋېتىنى تىڭشاشنىڭ ھۆكمى نېمە؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بۇنىڭدا ھېچگەپ يوق، ئاياللار ئايرىم ئورۇندا ۋە ئەرلەر ئايرىم ئورۇندا ئولتۇرۇپ، مۇسابىقە مەيدانىدا بىر-بىرىگە ئارىلاشماستىن، ئاياللار ھىجاپ بىلەن ئەرلەردىن يىراق تۇرغان بولسا بولىدۇ.

    ئەمما تىلاۋەتنى تىڭشاش مەسىلىسىگە كەلسەك، تىلاۋەتتىن پايدىلىنىش، ئاللاھنىڭ كالامىنى تەپەككۇر قىلىش ئۈچۈن تىڭشىسا بولىدۇ، ئەمما ئاياللارنىڭ ئاۋازىدىن ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن بولسا توغرا بولمايدۇ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، قۇرئان كەرىمدىن پايدىلىنىش، ئاللاھنىڭ كالامىدىن ھوزۇر ئېلىش مەقسىدىدە تىڭشىسا، ئاللاھ خالىسا توغرا بولىدۇ. [شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى بازنىڭ نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى 2-توم 100-بەت].

ئىككى جىنىس ئارىسىدىكى ئالاقە ئىلىم ئۈگەنگۈچىنىڭ ئەدەپلىرى
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش