ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

روزىدارنىڭ كۈندۈزدە ئوكۇل سالدۇرىشىنىڭ ھۆكمى

01-08-2010

سۇئال 8652

سوئال: رامزاننىڭ كۈندۈزىدە قۇۋۋەت ئوكۇلى ياكى ئادەتتىكى ئۇكۇل سالدۇرۇپ داۋالانسا قانداق بولىدۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.
رامزاننىڭ كۈندۈزىدە مۇسكۇلغا ۋە تومۇرغا ئۇكۇل سالدۇرۇپ داۋالانسا بولىدۇ، لېكىن قۇۋۋەت ئوكۇلى سالدۇرسا جايىز بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش كۈندۈزدە يېمەك - ئىچمەك بىلەن ئوزۇقلانغاننىڭ ھۆكمىدە بولۇپ، قۇۋۋەت ئوكۇلى سالدۇرۇش ھىيلە ئىشلىتىپ رامزاننىڭ كۈندۈزىدە ئېغىز ئاچقانلىق دەپ قارىلىدۇ. ئەگەر ئىمكانىيەت بولسا مۇسكۇلغا ۋە تومۇرغىمۇ ئوكۇلنى كىچىدە سالدۇرۇش ياخشى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كۈمتىتىنىڭ پەتىۋا مەجمۇئەسى 10-توم 252-بەت

روزىنى بۇزىۋېتىدىغان ئامىللار
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش