ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

بىر يىڭى مۇسۇلمانغا فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش قىيىن كىلىۋاتىدۇ

15-02-2007

سۇئال 5410

مەن ئىنگىلىز تىلىدا سۆزلەيمەن ( ھەمدە ئۇ مىنىڭ ئانا تىلىم) ھەمدە مەن ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىشكە ئۇرىنىۋاتىمەن . مەن فاتىھە سۈرىسىنى مۇسۇلمان بولغاندىن كىيىن ئۆگەنگەن . لىكىن بەزى ھەرىپلەر بار ، ئۇلارنى تەلەپپۇز قىلالمايمەن ۋە بەزىلىرى بار ، ئۇلارنى خاتا تەلەپپۇز قىلىمەن . مەن فىقھى كىتاپلىرىنىڭ بىرىدە فاتىھەنىڭ ھەرىپلىرىدە خاتالىشىش ئۇنىڭ نامىزىنى بىكار قىلىۋىتىدۇ دەپ ئوقۇغان . ھەمدە مەن قىرائىتىمنى ياخشىلاش ئۈچۈن بىر قىسىم لىنتىغا ئىلىنغان قىرائەتلەرنى تىڭشاشقا تىرىشىۋاتىمەن . بىراق يەنىلا خاتالىشىۋاتىمەن ھەمدە قىرائىتىمنىڭ قانچىلىك ناچارلىقى ھەققىدە ئويلىنىمەن . قىرائەت قىلىش جەريانىدا ھەرىپلەرنىڭ تەلەپپۇزنى توغىرلاش ئۈچۈن كۆپ توختايمەن ھەمدە كۆپ ھاللاردا فاتىھەنى بىر قىتىمدىن كۆپ تەكرارلايمەن . شۇڭا مەن نىمە قىلىشىم كىرەك ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
1- ئالىملارنىڭ توغرا سۆزلىرىگە ئاساسلانغاندا ، فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش نامازدىكى بىر ئەركان بولۇپ ، ئۇنى ئوقۇش ئىمام ، ئەگەشكۈچى ،ۋە يالغۇز ئوقۇغۇچىغا ۋاجىپ .
ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) : كىمكى بىر ناماز ئۆتەپ ، ئۇنىڭدا قۇرئان ئانىسىنى ئوقۇمىسا ، ئۇنداقتا ئۇ (ناماز) كەمتۈك دەپ ئۈچ قىتىم دىدى . شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ ھۇرەيرىگە : " بىز ئىمامنىڭ كەينىدە بولساقچۇ؟ " دىيىلدى . ئۇ : " ئۇنى ئىچىڭدە ئوقۇغىن . چۈنكى مەن ئاللاھ ئەلچىسىنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم : « ئۇلۇغ ئاللاھ مۇنداق دىدى : نامازنى مىنىڭ بىلەن بەندەمنىڭ ئارىسىدا تەڭ ئىككىگە بۆلدۈم . ھەمدە بەندەمگە ئۇ سورىغان نەرسە بار بولىدۇ . شۇڭا بەندە: الحمد لله رب العالمين ( مەدھىيە دۇنيالارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا بولسۇن ) دىسە ، ئۇلۇغ ئاللاھ : بەندەم مىنى مەدھىيلىدى ، دەيدۇ . ھەمدە ئۇ : الرحمن الرحيم ( مىھرىبان ، رەھىملىك) دىسە ، ئاللاھ : بەندەم مىنى تەرىپلىدى ، دەيدۇ . ھەمدە ئۇ : مالك يوم الدين ( قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىدارى ) دىسە ، ئۇ : بەندەم شان-شەرىپىمنى كۆتۈردى ، يەنە بىر قىتىمدا : بەندەم ماڭا ئەل بولدى ، دەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ : إياك نعبد وإياك نستعين (ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ھەمدە سەندىنلا ياردەم تەلەپ قىلىمىز ) دىسە ، ئۇ : بۇ بولسا مىنىڭ بىلەن بەندەمنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ ھەمدە بەندەمگە سورىغان نەرسىسى بار بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ : اهدنا الصراط المستقيم . صراط الذين أنعمت عليهم غير المغضوب عليهم ولا الضالين ( بىزنى تۈز يولغا يىتەكلىگىن . غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ، ياكى ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس ، سەن نىئېمەت بەرگەنلەرنىڭ يولىغا (يىتەكلىگىن ) .) دىسە ، ئۇ : بۇ بولسا بەندەم ئۈچۈن ، ھەمدە بەندەمگە سورىغان نەرسىسى بار بولىدۇ ، دەيدۇ . » " .
[ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 395 ]
ھەمدە نامازخان ئۇنى ئەرەب تىلى بىلەن توغرا يۇسۇندا ئوقۇشى لازىم ، چۈنكى بىز قۇرئاننى ئۇنىڭ چۈشكەن ھالىتىدە ئوقۇشقا بۇيرۇلغان .
2- تىلىدا كەمتۈكلۈك بولغانلىقتىن ، ياكى غەيرى ئەرەب بولغانلىقتىن ئۇنى توغرا تەلەپپۇز قىلالمايدىغان كىشى كۈچىنىڭ يىتىشىچە تەلەپپۇزىنى توغىرلاشنى ئۆگىنىشى لازىم .
ئەگەر قىلالمىسا ، ئۇنداقتا ئۇ ئۇنىڭدىن ساقىت بولىدۇ ، چۈنكى ئاللاھ كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ تاقىتىدىن سىرتىنى بۇيرىمايدۇ .
ئاللاھ مۇنداق دىگەن :
ئاللاھ كىشىگە پەقەت ئۇنىڭ تاقىتى دائىرسىدىكىنىلا بۇيرىيدۇ .
[ بەقەرە( ئىنەك) : 286 ]
3- فاتىھەنى ئوقۇشتىن پۈتۈنلەي ئاجىز كەلگەن ، ياكى ئۇنى ئۆگىنىشتىن ئاجىز كەلگەن ياكى ئۇ ئەمدى مۇسۇلمان بولغان ھەمدە ناماز ۋاقتى كىرگەن ھەمدە ئۇنىڭغا ئۇنى ئۆگىنىشكە يىتەرلىك ۋاقىت يوق كىشى بولسا ، ئۇنىڭغا تۆۋەندىكى ھەدىيستىكى چىقىش يولى بار :
نەقىل قىلىندىكى ، ئابدۇللاھ بىن ئەۋفا مۇنداق دىگەن : " بىر كىشى پەيغەمبەرنىڭ (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) قېشىغا كىلىپ : ئى ئاللاھ ئەلچىسى ، ماڭا قۇرئاندىن ماڭا يىتەرلىك بولىدىغان بىر نەرسە ئۆگىتىپ قويغىن ، چۈنكى مەن ئوقۇيالمايمەن . " دىدى . ئۇ : سەن : " سۇبھانەللاھ ، ۋەل ھەمدۇ لىللاھ ، ۋە لا ئىلاھە ئىللەللاھ ، ۋاللاھۇ ئەكبەر ، ۋە لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ " دىگىن ، دىدى . ئۇ كىشى قولىنى يۇمۇش بىلەن ( كۆپ نەرسىنى ئۆگىنەلمەيدىغانلىقى كۆرسىتىپ ) ئىشارە قىلدى . ھەمدە : " بۇ بولسا پەرۋەردىگارىم ئۈچۈن ، مەن ئۈچۈنچۇ ؟ " دىدى . ئۇ : سەن : " ئاللاھۇممە ئىغفىرلىي ، ۋەرھەمنىي ، ۋەھدىنىي ، ۋەرزۇقنىي ، ۋە ئافىنىي " دىگىن دىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە بىر قولىنى يۇمۇش بىلەن ئىشارە قىلدى ھەمدە ئورنىدىن تۇردى ."
[ نەسائىي ( 924) ، ئەبۇ داۋۇد( 832) نەقىل قىلغان. ئۇنىڭ ئىسنادى مۇنزىرىي تەرىپىدىن " تەرغىيب ۋە تەرھىيب" تا بەلەن دەپ تۈرگە ئايرىلغان ، 2430 . ھافىز بىن ھەجەر " تەلخىيس ئەل ھەبىير" دە ئۇنى ياخشى ھەدىيس دەپ كۆرسەتكەن ، 1236 ]
ئىبنۇ قۇددامە ( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن) مۇنداق دىگەن :
" ئەگەر بىر كىشى قۇرئاندىن ھىچنىمىنى بىلمىسە ، ھەمدە ناماز ۋاقتى چىقىپ كىتىشتىن بۇرۇن ئۇنى ئۆگىنەلمىسە ، ئۇنداقتا ئۇ :" سۇبھانەللاھ ، ۋەل ھەمدۇ لىللاھ ، ۋە لا ئىلاھە ئىللەللاھ ، ۋاللاھۇ ئەكبەر ، ۋە لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ " دىيىشى كىرەك . چۈنكى ئەبۇ داۋۇد نەقىل قىلدىكى ، بىر كىشى پەيغەمبەرنىڭ (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)قېشىغا كىلىپ : " مەن قۇرئاندىن ھىچ نەرسىنى ئۆگىنەلمەيۋاتىمەن ، شۇڭا ماڭا يىتەرلىك بولىدىغان بىر نەرسە ئۆگىتىپ قويغىن ." دىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ : سەن : " سۇبھانەللاھ ، ۋەل ھەمدۇ لىللاھ ، ۋە لا ئىلاھە ئىللەللاھ ، ۋاللاھۇ ئەكبەر ، ۋە لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ " دىگىن ، دىدى . ئۇ : " بۇ بولسا ئاللاھ ئۈچۈن ، مەن ئۈچۈنچۇ ؟ " دىدى . ئۇ : سەن : " ئاللاھۇممە ئىغفىرلىي ، ۋەرھەمنىي ، ۋەھدىنىي ، ۋەرزۇقنىي ، ۋە ئافىنىي " دەيسەن دىدى .
ھەمدە ئۇنىڭ بۇ ئالدىنقى بەش ئىبارىدىن ئوشۇق دىيىشى لازىم ئەمەس ، چۈنكى پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) پەقەت شۇنىلا دىگەن ، ھەمدە ئۇ ئۇنىدىن كۆپرەكنى سورىغاندا ، ئاندىن ئۇنىڭغا كوپرەك دەپ بەردى .
( ئىبۇ قۇددامەنىڭ سۆزى تۈگىدى .)
بىراق ئەگەر بىر كىشى فاتىھەنىڭ پەقەت بىر قىسمىنىلا ئوقۇيالايدىغان بولسا ، ئۇ ئاشۇ ئوقۇيالايدىغىنىنى ئوقۇشى لازىم . ھەمدە ئۇ ياخشى ئوقۇيالايدىغىنىنى تەكرار ئوقۇشى ( يەنى ، ئۇنىڭ ئوقۇيالايدىغىنىنىڭ جەمىئي سانى فاتىھەنىڭ ئايەتلىرىنىڭ سانىغا تەڭ يەتتە ئايەت بولغۇچە ) لازىم .
ئىبنۇ قۇددامە مۇنداق دىگەن :
ئۇنىڭ " سۇبھانەللاھ ، ۋەل ھەمدۇ لىللاھ ، ۋە لا ئىلاھە ئىللەللاھ ، ۋاللاھۇ ئەكبەر ، ۋە لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ " دىيىشى يىتەرلىك ، چۈنكى پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : قۇرئاندىن نىمىنى بىلسەڭ ، شۇنى ئوقۇ ، ئۇنداق بولمىسا ، ئاللاھنى مەدھىيلە ، ئۇنىڭ بىرلىكىنى جاكارلىغىن ھەمدە ئۇنى ئۇلۇغلىغىن . [ ئەبۇ داۋۇد نەقىل قىلغان .]
" المغني " ( 1 / 289 ، 290 )
سىزنىڭ ئەگەر نامازخان فاتىھەنىڭ بىر ھەرىپىنى خاتا تەلەپپۇز قىلسا ، نامازنىڭ بىكار بولۇپ كىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئوقۇغىنىڭىز ھەممىگە ئومۇم ئەمەس . فاتىھەدىكى ھەر قانداق بىر خاتالىق نامازنى بىكار قىلمايدۇ ؛ بەلكى فاتىھەدىن مەلۇم نەرسە چۈشۈرلۈپ قويۇلمىسىلا ، ياكى تەلەپپۇز مەنىسىنى بۇرىۋىتىدىغان دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كەتمىسلا ئۇ بىكار بولۇپ كەتمەيدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ نامزنىڭ بىكار بولۇپ كىتىشى ھەققىدىكى ھۆكۈم فاتىھەنى توغرا ئوقۇيالايدىغان ياكى ئۇنى ئۆگىنەلەيدىغان لىكىن قىلمايدىغانلارغا قارىتىلغان .
ئۇنداق قىلالمايدىغانلارغا كەلسەك ، ئۇلار ئۇنى قۇربىنىڭ يىتىشىچە ئوقۇيدۇ ، ھەمدە ئۇ ئۇلارغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ ، چۈنكى ئاللاھ كىشىگە ئۇنىڭ تاقىتىنىڭ سىرتىدىن بۇيرىمايدۇ . ئالىملار تەرىپىدىن قارار قىلىنغان ئاساسىي پىرىنسىپلارنىڭ بىرى بولسا ئاجىزلىق بىلەن ۋاجىپ يوق .
المغني (2/154) كە قاراڭ .
ھەمدە بۇ ھالەتتە ئۇ كۈچىنىڭ يىتىشىچە فاتىھەنى ئوقۇشى ئاندىن ئۇنىڭغا قوشۇپ " سۇبھانەللاھ ، ۋەل ھەمدۇ لىللاھ ، ۋە لا ئىلاھە ئىللەللاھ ، ۋاللاھۇ ئەكبەر ، ۋە لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ " دىيىشى لازىم ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇ فاتىھەدىن كەم قويغانلىرىنى تولۇقلايدۇ . المجموع (3/375) . كە قاراڭ .
ھەمدە ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىيەدىن( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن) مۇنداق دەپ سورالغان :
" فاتىھەنى خاتا تەلەپپۇز قىلىدىغان بىرسىنىڭ نامىزى بىكار بولامدۇ –يوق ؟ "
ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەن :
" ئەگەر بىر كىشى فاتىھەنى مەنىسىنى بۇرىۋەتمەيدىغان دەرىجىدە خاتا تەلەپپۇز قىلسا ، ئۇنىڭ نامىزى دۇرۇس بولىدۇ ، مەيلى ئۇ ئىمام بولسۇن ياكى يالغۇز نامازخان بولسۇن .
بىراق مەنىسىنى بۇرىۋىتىدىغان خاتا تەلەپپۇز قىلىشقا كەلسەك ، ئەگەر كىشى ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلسە ،مەسىلەن ، ئەگەر ئۇ : صِرَاطَ الَّذِينَ أَنْعَمْتُ عَلَيْهِمْ يەنى ،" ئەنئەمتە" نى " ئەنئەمتۇ دىسە ھەمدە ئۇ بۇ ئالماشنىڭ بىرىنچى شەخىستە ئىكەنلىكىنى بىلسە ئۇنىڭ نامىزى دۇرۇس ئەمەس . ھەمدە ئەگەر ئۇ ئۇنىڭ مەنەنى بۇرىۋىتىدىغانلىقىنى بىلمىسە ھەمدە بۇ ئالماش ئىككىنچى شەخىس بىرلىك دەپ ئويلىغان بولسا ، ئۇنداقتا بۇ ھەقتە ئالىملارنىڭ ھەرخىل قارىشى بار . ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ . "
مجموع الفتاوى (22/443) .
ھەمدە يەنە نامازدا زىبەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدىغان سۆزنى زىر بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدە سورالدى .
ئۇ مۇنداق جاۋاپ بەردى :
ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ نىمە قىلىۋاتقىنىنى بىلسە ھەمدە ئۇنى قەستەن قىلسا ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ نامىزى بىكار بولىدۇ ، چۈنكى ئۇ نامىزىنى ئويناۋاتىدۇ . لىكىن ئۇ ئۇنى بىلمىسە ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ نامىزى ئالىملارنىڭ ئىككى قارىشىنىڭ بىرىگە ئاساسلانغاندا بىكار بولمايدۇ . "
مجموع الفتاوى (22/444) .
شۇڭا ھۆرمەتلىك مۇسۇلمان سىڭلىم ، سىز قاتتىق تېرىشىشىڭىز ھەمدە ئۇنى داۋاملىق مەشىق قىلىشىڭىز كىرەك . سىز ئۇنى ئۇنى ياخشى ئوقۇيالايدىغان يەنە بىر مۇسۇلمان ھەمشىرىگە ئوقۇپ كۆرۈش ، لىنتىلاردىكى ياكى رادىئودىكى ماھىر قارىلار ئوقۇغان قىرائەتلەرنى تىڭشاش ئارقىلىق ئۇنى قىلالايسىز .
ئۇ ھەقتە ئەنسىرەش ، غەم قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ، چۈنكى ئاللاھ كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكىنى بىلىدۇ ، ھەمدە ئۇ كىمنىڭ قاتتىق تېرىشىۋاتقانلىقىنى ھەمدە كۈچ سەرپ قىلىۋاتقىنىنى ، ۋە كىمنىڭ ھورۇن ، بىخۇدلىقىنى بىلىدۇ .
سىز قۇرئان ئوقۇش جەھەتتە بايقىغان قىيىنچىلىق سىزنىڭ ياخشىلىقلىرىڭىز ۋە ساۋاپلىرىڭىزنى ئاشۇرىدۇ . نەقىل قىلىندىكى ، ئائىشە ( ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دىگەن : " ئاللاھ ئەلچىسى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىدى : قۇرئان ئوقۇشتا ماھىر كىشى ئىسىل ۋە ئىتائەتمەن پۈتۈكچىلەر( يەنى ، پەرىشتىلەر) بىلەن بىللە بولىدۇ . ھەمدە قۇرئاننى ئوقۇيدىغان ، ھەمدە ئۇ ئۇنىڭغا قىيىن كەلگەنلىكتىن ئۇنى ئوقۇشقا كۈچ سەرىپ قىلىدىغان كىشى ئىككى ئەجىرگە ئىگە بولىدۇ . " . [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 798 ]
نەۋەۋىي ( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن) مۇنداق دىگەن :
" ئۇنى ئوقۇشقا كۈچ سەرپ قىلىدىغان كىشى بولسا ئۇنى ياخشى يادلىيالمىغانلىقتىن قىرائىتىدە دۇدۇقلايدىغان كىشى . ئۇ ئىككى ئەجىرگە ئىگە بولىدۇ : ئۇنى ئوقۇغانلىقىغا ئەجىر ھەمدە ئۇنى ئوقۇشقا كۈچ سەرپ قىلغىنىغا ئەجىر . "
ئايەتلەرنى بىر قىتىمدىن ئوشۇق تەكرارلاشنىڭ ھاجىتى يوق ، چۈنكى بۇ بولسا پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) قىلغان ياكى ئۆگەتكەن نىمە ئەمەس . بەلكى ئۇ ۋەسۋەسىگە ئىشىك ئاچىدۇ ، نامازنى كىمەيتىۋىتىدۇ ، دىققىتىنى چاچىدۇ ، ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى ئويلاشتىن قويىدۇ ، ھەمدە شەيتاننى خۇش قىلىدۇ . چۈنكى ئۇ ئۇنىڭدىن نامازخاننىڭ ئاخىرى ناماز ئوقۇشتىن ۋاز كېچىشى ئۈچۈن ئۇنى قىيناشقا يول تاپالايدۇ . بىراق ئاللاھ ئەڭ مىھرىبان ۋە رەھىملىك ، ھەمدە ئۇ بىزگە ئۆزىمىزدىنمۇ بەكرەك رەھىملىك ، ھەمدە ئۇ بىزگە تاقىتىمىز يەتمەيدىغان نىمىنى ئارتمايدۇ .

نامازنىڭ بەلگىلىمە-ئەھكاملىرى
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش