ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

قىز-خانىملار رامزان روزىسىنىڭ قازاسىنى بالدۇر تۇتامدۇ ياكى شەۋۋال ئېيىدىكى ئالتە كۈن روزىنىمۇ؟

22-08-2012

سۇئال 4082

سوئال: قىز-خانىملار ھەيز - نىپاس ۋە بەزى ئۆزۈرلەر سەۋەبى بىلەن تۇتالمىغان رامزان روزىسىنى بالدۇر باشلامدۇ ياكى شەۋۋال ئېيىدىكى ئالتە كۈن نەپلە روزىنىمۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق ھەمدۇ- سانا ۋە ماختاشلار ئاللاھقا خاستۇر.ئەگەر ھەدىستە زىكىر قىلىنغان تەرتىپ بويۇنچە قىلىمەن دەيدىكەن، ئالدى بىلەن رامزان روزىسىنىڭ قازاسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئالتە كۈن شەۋۋال روزىسىنى توتۇش تەشەببۇس قىلىنىدۇ . بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: كىمكى رامزان روزىسىنى تۇتۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا شەۋۋال ئېيىدىن ئالتە كۈن روزىنى ئەگەشتۈرۈپ تۇتسا يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ. (بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. 1984-نومۇرلۇق ھەدىس).
ئەمما بەزى ئۆلىمالارنىڭ كۆز قارىشىدا, پەرز قازا روزىنى كېلەر يىل رامزان كېلىشتىن ئىلگىرى تۇتۇشقا پۇرسەت بارلىقىنى ئېتىبارغا ئالغان ھالدا، شەۋۋال ئېيىدىكى ئالتە كۈن روزىنى، قازا روزىدىن ئىلگىرى توتۇش جايىز دەپ قارىلىدۇ.
ھەممىنىڭ توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۇچى.

روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش