ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

تىرناق ئاستىدىكى كىر تاھارەتنىڭ توغرا بولىشىنى چەكلەمدۇ؟

27-03-2020

سۇئال 27070

تىرناق ئاستىدىكى كىرلار تاھارەتنىڭ توغرا بولىشىنى چەكلەمدۇ؟.بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، بارلىق ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    قىرىق كۈن بولۇشتىن ئىلگىرى تىرناقلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە تازىلاش كېرەك، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە تىرناقلىرىنى ئېلىش، ئەۋرەتلىرىنى تازىلاش، قولتۇقنىڭ تۈكىنى يۇلۇش ۋە بۇرۇتنى قىسقارتىش توغرىسىدا ۋاقىت بەلگىلەپ قىرىق كۈندىن ئاشۇرىۋەتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلغان. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سەھىھ ھەدىسلەر بايان قىلىنغان. [مۇسلىم رىۋايىتى 258-ھەدىس].

    ئەر-ئاياللار بۇ مەسىلىنى ئويلىنىشى كېرەك، تىرناق، بۇرۇت، ئەۋرەت ۋە قولتۇقنى قىرىق كۈن بولۇشتىن ئىلگىرى پاكىزلاپ تۇرۇش كېرەك، تىرناق ئاستىدا كىر بولۇپ قالسا ئالغان تاھارىتى توغرا بولىدۇ چۈنكى شەرىئەت كىچىك ئىشلاردىن ئەپۇ قىلىدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

نىجاسەتنى يوق قىلىش
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش