ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

جازانە بانكىلىرىغا پۇل ئامانەت قويۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

06-02-2023

سۇئال 26789

    جازانە بانكىلىرىغا پۇل ئامانەت قويۇشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئايلىق ۋە يىللىق ئۆسۈم چېقىدىغان جازانە بانكىلىرىدا پۇل ئامانەت قويۇشنىڭ ھاراملىقىدا ئىسلام ئالىملىرى بىرلىككە كەلگەن جازانە ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئېھتىيات يۈزىسىدىن ئۆسۇمسىز بانكىدىمۇ قويۇشقا بولمايدۇ، پەقەت ئامال بولمىغاندا قويسا بولىدۇ، چۈنكى جازانە مۇئامىلىسى قىلىدىغان بانكىدا پۇلنى ئۆسۈمسىز قويسىمۇ يەنىلا جازانە ئىشلىرىغا ياردەم بەرگەنلىك ھېسابلىنىدۇ، گەرچە مال ئىگىسى خالىمىسۇ، گۇناھ ۋە دۈشمەنلىككە ياردەم بەرگەنلەرنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قىلىشنىڭ قورقۇنچىسى بار، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلاردىن ھەزەر قىلىش كېرەك، پۇل-ماللىرىنى ساقلايدىغان ساغلام بىر يول تىىپىش كېرەك، ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى ئۇلارنىڭ ئىززىتى، بەخت-سائادىتى، نىجاتلىقى بولغان بىر ئىشقا مۇۋەپپەق قىلغاي، ئۇلارنى تىز سۈرئەتتە جازانىدىن خالى بولغان بىر ئىسلام بانكىسى قۇرۇش ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەي. ئاللاھ ئۇنىڭ ئىگىسى ۋە ئۇنىڭغا قادىردۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالامى بولسۇن.

جازانە توغىرسىدا
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش