ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

پەرىز تاۋاپتا بىر قېتىم كەبىنى ئايلىنىشنى ئۇنتۇپ قالغان كىشى توغرىسىدا

19-06-2022

سۇئال 26213

    بىر كىشى ھەج جەريانىدا پەرىز تاۋاپ قېلىۋېتىپ كەبىنى بىر قېتىم ئايلىنىشنى ئۇنتۇپ قىلىپ ھەرەم مەسچىتىدىن چېقىپ كەتكەن بولسا قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ھەج قىلغۇچى پەرىز تاۋاپنى قىلغاندا بىر قېتىملىق كەبىنى ئايلىنىشنى ئۇنتۇپ قالغاندا، ئارىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەن بولسا، تاۋاپنى قايتىدىن قىلىدۇ، ئەمما ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمىگەن بولسا، ئۇنتۇلۇپ قالغان بىر قېتىملىق تاۋاپنى ھەمەن قايتىپ قىلسا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ھەج-ئۆمرەنىڭ سۈپەتلىرى
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش