ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

كېچىك بالىنىڭ جىنازا نامىزى توغرىسىدا

21-09-2023

سۇئال 23301

   سەككىز ياشلىق بالا ۋاپات بولسا، يۇيۇپ كېپەنلىنىپ، نامىزى ئوقۇلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا. ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا كېچىك بالىمۇ يۇيۇپ كېپەنلىنىپ نامىزى ئوقۇلىدۇ، ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇنىڭدا ھېچ ئىختىلاپ يوق". ئىبنى مۇنزىر: كېچىك بالىنىڭ نامىزى ئوقۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئالىملارنىڭ ئىجماسىنى نەقىل قىلغان. ["ئەلمۇغنى" 3-توم 458-بەت].

  كېچىك بالىنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلگەندە ئۇنىڭ ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلىنمايدۇ، ۋە دۇئادا: ئەي ئاللاھ! ئۇنى مەغپىرەت قىلغىن دېيىلمەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭغا تېخى گۇناھ يېزىلمىغان، بەلكى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن رەھمەت-مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلىنىدۇ. بۇ توغرىدا مۇغىرە بىن شۆبە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كېچىك بالىنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلىدۇ، ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن رەھمەت-مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلىنىدۇ». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى3180-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى1031-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى جىنازا ھۆكۈملىرى 73-بەتتە سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

دەپنە قىلىش ۋە قەبرىستانلىق ھەققىدىكى ئەھكاملار
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش