ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

توي قىلغان ئايالنىڭ ئاتا-ئانىسى ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى

19-02-2021

سۇئال 21737

توي قىلغان ئايالنىڭ ئاتا-ئانىسى ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارن ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     توي قىلغان ئايالنىڭ ئاتا-ئانىسى ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى باشقا ھەرقانداق ئايالنىڭ ئاتا-ئانىسى ئالدىدىكى مەسئۇلىيتىغا ئوخشايدۇ، ئاتا-ئانىنىڭ ھەققى توي قىلىشتىن بۇرۇنمۇ ۋە توي قىلغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ، پەقەت ئاتا-ئانىغا ئىتائەت قىلىش بىلەن ئېرىگە ئىتائەت قىلىش ئارىسىدا توقۇنۇش بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئېرىگە ئىتائەت قىلىش تەكىتلىنىدۇ.

     ئاتا-ئانىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئېرىنىڭ بۇيرۇقى ئارىسىدا توقۇنۇش بولۇپ قالسا، ئېرىنىڭ بۇيرۇقى ئىلگىرى قېلىنىدۇ، لېكىن مۇسۇلمان ئەر ۋە مۇسۇلمان ئايال ئاتا-ئانىسى بىلەن ئەرلىرىنىڭ بۇيرۇقلىرى ئارىسىدىكى زىتلىقنى يوق قىلىشقا تېرىشىشى، ئۇلار بىلەن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئارىسىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇشقا ھېرىسمەن بولىشى كېرەك.

    توي قىلغان ئايالنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن ئالاقىدە رائىيە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن: ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلارنى زىيارەت قىلىپ تۈرۈشى، ماددى قىممىتى يۇقىرى بولمىسىمۇ ئۇلارغا مۇناسىپ سوغىلارنى تەقدىم قىلىشى، ئۇلارنى زىيارەت قىلغاندا بالىلىرىنى قويۇۋېتىپ ئۇلارنى راھەتسىز قىلىشتىن ساقلىنىشى ۋە ئەر-ئايال ئارىسىدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ ئۇلارنىڭ كەيپىياتىنى بۇزماسلىقى زۆرۈر بولىدۇ. شەيخ مۇھەممەد دۇۋەيش.

     ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ خىراجىتىگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالسا، كۈچىنىڭ يېتىشچە ئۇلارغا نەپىقە قېلىشى كېرەك بولىدۇ، ئەگەر ئۆزىنىڭ ئايرىم ئىقتىسادى بولمىسا، ئاتا-ئانىسىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ياردىمى يېتىدىغان ئېرىدىن شەپقەت تەلەپ قىلىشى، ئېرىنىڭمۇ بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ خالىسا ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىشى كېرەك. چۈنكى بۇمۇ ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئاتا-ئانىغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش