ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

قۇسۇپ، ئېغىزىغا كېلىپ قالغان قۇسۇقنى ئىختىيارسىز يۇتۇۋەتكەن بولسا، بۇنىڭ بىلەن روزىسى بۇزۇلامدۇ؟

21-04-2021

سۇئال 12659

روزىدار كىشى قۇسۇپ ئىختىيارسىز قۇسىقىدىن بىر نەرسىنى يۇتۇۋەتكەن بولسا، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى  ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

   ئەگەر قەستەن قۇسقان بولسا بۇنىڭ بىلەن روزىسى بۇزۇلىدۇ، ئەمما ئىختىيارسىز قۇسقان بولسا ۋە يەنە ئىختىيارسىز ئۇنىڭدىن بىر نەرسىنى يۇتۇپ سالغان بولسىمۇ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.   

    ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسۇن.

    پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

روزىنى بۇزىۋېتىدىغان ئامىللار
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش