ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

سۈنئى ئوكسېگىن بىلەن نەپەسلەنسە روزىسى بۇزۇلامدۇ؟

02-04-2023

سۇئال 124206

    نەپەس ئىلىشى قىيىن بولغان بەزى كېسەللەر رامىزان كۈنلىرىدە سۈنئى ئوكسېگىن بىلەن نەپەسلىنىشكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

  بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بەزى كېسەللەرگە بېرىلىدىغان گازلىق ئوكسېگىن روزىنى بۇزمايدۇ، چۈنكى بۇ ئوكسىگېنغا باشقا ھېچقانداق ماددا قېتىلمايدۇ، بۇنىڭ ھۆكمى تەبىئىى ھاۋا بىلەن نەپەس ئالغانغا ئوخشاش، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسىنىڭ قارارىدا مۇنداق كەلگەن: " تۆۋەندىكى ئىشلار روزىنى بۇزمايدۇ:  گازلىق ئوكسېگىنمۇ بۇنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ". [ "ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى ژۇرنىلى" 1996/02/10 454 -نومۇر.  دوكتۇر ئەھمەد خەلىلنىڭ " يېڭى دەۋرىدىكى روزىنى بۇزىدىغان ئامىللار" ناملىق ئەسىرى 50-بەت].

روزىنى بۇزىۋېتىدىغان ئامىللار
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش